« شادلىق 8» ناملىق ئويۇن شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، قويۇق خۇشاللىق ۋە ئەمەلىي نەپ بىلەن ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. دەسلەپتە لاتارىيەچىلەر كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئازراق چۈشەنسىلا، مۇكاپات دەرىجىسى، شەكلى ھەر خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى بايقايدۇ، بۇ خۇددى ئاشخانىغا كىرىپ قالغاندەك، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاللىسا بولىدۇ.
1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 65310219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بىر لاتارىيەچى ئالتىنى تاللاش 9 نومۇر قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 85680 يۈەن مول مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەتىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى چېن ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى ھەم خىزمەتچى خادىملار بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
لاتارىيە سېتىۋالغان شۇ كۈنى، چېن ئەپەندى 65310219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، مال ساتقۇچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىدا « شادلىق 8» ئويۇن نومۇرىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلدى. چېن ئەپەندى كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، 10 قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، « ئىنچىكە تاللاش» ھالقىسىغا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، چىقىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر كىچىك بولغان نومۇرلارنى سۈزۈۋېتىپ، چىقىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ بولغان نومۇرلارنى تاللاش دو تىكىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەن. ئۇ تارقىلىش خەرىتىسىدىن دائىم ئۇچرايدىغان نومۇر ۋە چۈشۈپ قالغان نومۇرلارنى كۆزىتىپ، كۆڭلىدە ئىسپېكتىر پەيدا قىلىدى. قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا« 03، 11، 16، 17، 23، 39، 44، 54، 68» دېگەن نومۇر بېكىتىلىپ، ئالتە قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. ئاخىرىدا بەختكە يارىشا سەككىز نومۇر چىقىپ، ئۇ 85680 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، چېن ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « تاللانغان نومۇرلار قارىماققا ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى تەدرىجىي توپلانغان تەجرىبىلەر، مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەلەيگە باغلىق، شۇنداقلا ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى سەۋرچان بولۇشى كېرەك، ھېچ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ!»-دېدى.
(قەشقەر شاۋشا)