ئامەتلىك لاتارىيەچى زېڭ ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-14
来源:ئەلكۈيى تورى

كۆپ يىللىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش تەجىربىسىگە ئىگە، كاتتا مۇكاپات ئارزۇسى بار پاراۋانلىق لاتارىيە مەستانىسى زېڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ، پاراۋانلىق لاتارىيە نۇرغۇن ئويۇنلىرى ئىچىدە مۇكاپات كۆلچىكى مول بولغان « قوش رەڭلىك توپ» ۋە بېلەت تۈرى مول بولغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە ھەر قېتىم كۆپ سېتىۋالمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىملىق « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى مۇكاپات باشلانغان كۈنى ئۇ ھەمىشە مۇكاپات تارقىتىش پونكىتىغا «ئۇچرىشىش» قا بارىدۇ، بىر نەچچە دو « قوش رەڭلىك توپ» نى تاللاپ بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر نەچچە قېتىم تەلەي نى سىناپ باقاتتى.

12 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، دەل «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى ئىدى، زېڭ ئەپەندى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ 21 ـ تۈەن بازىرىدىكى 65452810 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر نەچچە دو «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى نومۇرىنى تاللىغاندىن كېيىن، يېنىدىكى ئىككى لاتارىيەچىنىڭ خۇشال ـ خۇرام ھالدا «كۈلۈپ تۇرۇش 笑口常开» لاتارىيە بېلەت تۈرىنى چىقىرىپ تۇرغانلىقىنى، بېلەتنىڭ رەڭگى ئوچۇق، ساپ بولغان لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى، زېڭ ئەپەندى دەرھال ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

زېڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن بىرنى تاللىدى، نەتىجىدە ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، يېنىدىكى يىگىتكە قارىدى، ئۇ يىگىت بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەش يۈەن يىغقان ئىدى، ئۇ ھەم ھەۋەس قىلدى، ھەم قايىل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار لاتارىيە بېلەتلىرى ئىچىدىن يەنە بەشنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، ئوخشاشلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، زېڭ ئەپەندى ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەلەي سىناپ، خۇشاللىق تېپىش ئەمەسمۇ، كەيپىياتنى تەڭشەپ يەنە بىر قېتىم سىناپ باقاي»-دېدى.

بۇ ئالتىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتى، زېڭ ئەپەندى ئەكسىچە پەرۋاسىزلىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى، ئۇ يەنە چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: « قارىغاندا تەلىيىمنىڭ ھەممىسى كېيىنكى قېتىملىققا يىغىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ! ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يېنىدىكى كۆزى ئۆتكۈر يىگىت ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ سىزگە مۇكاپات چىققان ئوخشىمامدۇ؟ ! زېڭ ئەپەندى سىنچىلاپ قاراپ: ـــ راست، 1000 يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، ئىنچىكە مال ساتقۇچى شياۋ يۇڭ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، ھەيران بولۇپ: « سىز بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز، توپتوغرا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات!»-دېدى، زېڭ ئەپەندى ئىشەنمىگەن ھالدا: « بىر، ئون، يۈز، مىڭ، تۈمەن! ئون مىڭ يۈەن! بۇ ئامەت بەك تۇيۇقسىز كېلىپ قالدى!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)