11-ئاينىڭ 8-كۈنى، چۆچەك شەھىرى 65420109 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن يەنە بىر قېتىم خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى ئانارخان خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ، تۇغۇلغان كۈنىدە تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتىدە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئانارخان خانىم ئادەتتە دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمايدىكەن، لېكىن ھەر يىلى چاغان ئۆتكۈزگەندە، ئۇ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىينى سىناپ باقىدىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇكاپات چىقمىسىمۇ ھېچقىسى يوق ئىكەن. 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئانارخان خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇ ئېرى ۋە بالىسى بىلەن ئەمدىلا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى يەپ، كوچىدا سەيلە قىلىۋېتىپ، دەل 65420109 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان لاتارىيە بىلەتلىرىگە قاراپ، ئانارخان خانىم دەماللىققا قانداق تاللاشنى بىلەلمەي قالدى، ئوغلى تۇيۇقسىز بىر لاتارىيە بىلىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ـــ ئاپا، بۇنى ئېلىڭ، بۇنىڭدا پۇتبول بار ئىكەن! بۇنى ئېلىڭ!»-دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئانارخان خانىم ئۈچ پارچە « نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان لاتارىيە بىلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز ئانارخان خانىم چۆچۈپ كېتىپ: « مۇكاپات چىقتى! 200 مىڭ يۈەن!»-دېدى، مال ساتقۇچى خادىم جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئانارخان خانىم ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ كاتتا مۇكاپات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ئانارخان خانىم ئائىلىسىدىكىلەر تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «ئاجايىپ» كەچۈرمىشنى تىلغا ئالغاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا قاتتىق ھاياجانلاندى، ئانارخان خانىم مۇنداق دېدى: « ھازىر بالىلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا چوڭ رول ئوينايدۇ، بۇ مۇكاپات ماڭا تۇغۇلغان كۈنىمدىكى ئەڭ كاتتا سوۋغات بولدى! پاراۋانلىق لاتارىيەگە رەھمەت!»-دېدى.