چيەن خانىم تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-11
来源:ئەلكۈيى تورى

چيەن خانىمنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر دوستى بار بولۇپ، لاتارىيە ھەققىدە گەپ بولسىلا دوستى روھلىنىپ كېتەتتى، ئەمما چيەن خانىم ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ باقمىغان بولۇپ، دوستىنىڭ بۇ خىل كۆڭلىنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيتتى، دوستى ھەر قېتىم ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئۇ ھەمىشە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئاسماندىن پوشكال چۈشۈشنى كۈتۈشتەك ئىش بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن دەپ ئويلاتتى، ئەمما بۇ «كەسىپ ئەھلى» يېقىندا مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، چيەن خانىم لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ 65220180 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز دوستىنىڭ دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «پاراۋانلىق لاتارىيەسى» نى ئېسىگە ئېلىپ، سىناپ بېقىشنى قارار قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ قالدى. چيەن خانىم لاتارىيەنى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان بولغاچقا، لاتارىيە ئويناش ئۇسۇلىنى چۈشەنمىگەچكە، مال ساتقۇچى خادىمغا قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئېيتتى، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ يېقىندا بازىرى ئىتتىك بولغان بىر پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «جېڭداڭخوڭ» لاتارىيە بېلىتىنى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى.

ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپلا مول ھوسۇل ئالدى، 10 يۈەنلىك «جېڭداڭخوڭ» لاتارىيە بېلىتىدە 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، چيەن خانىم بىر چەتتە تۇرغان مال ساتقۇچىغا:«مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن»-دېدى. بىرىنچى قېتىم سىناشتىلا ماڭا مۇكاپات چىقتى. مال ساتقۇچىمۇ خۇشال بولغان ھالدا: « ئۇنداقتا سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز، تۇنجى قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز!»-دېدى، چيەن خانىمنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى، ئۇ مال ساتقۇچىغا: « مۇكاپات پۇلىنى لاتارىيە بېلىتىگە ئالماشتۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ باقاي»-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىممىتى 20 يۈەنلىك «جېڭداڭخوڭ» دىن بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى تاللىغاندىن كېيىن، داۋاملىق قىرىشقا باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن، خۇشاللىق يەنە كەلدى! چيەن خانىم ۋارقىراپ كەتتى: ـــ« ھە! يەنە مۇكاپات چىقتى، بۇ قېتىم مەن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم»-دېدى. مال ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا: « 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن! »-دېدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، چيەن خانىم خۇشال ھالدا ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:«مەن ھازىر دوستلىرىمنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىكى تەسىراتىنى تولۇق ھېس قىلدىم، لاتارىيە بېلىتىدىكى ئاشۇ خىل جىددىيلىكنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىقلىرىمنى ئۇنتۇيالمايمەن. مېنىڭ ئويلايدىغىنىم مۇكاپات چىقمىغان تەقدىردىمۇ، 10 يۈەن خەجلەپ ياخشى ئىش قىلىش ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇنىڭدىن كېيىن مەن دائىم دوستلىرىم بىلەن بىللە لاتارىيە سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشۇمغا ھۆسن قوشىمەن! بۇ قېتىمقى مۇكاپات پۇلىنى مەن ئۆزۈمنىڭ پارچە پۇلى قىلىشنى قارار قىلدىم، بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.