قايناق ھېسسىيات بىلەن بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن سوۋغا قىلىنىدۇ!
2021-يىلى قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى يىتىپ كەلدى!
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قوش رەڭلىك توپ تەرەپدارلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئاللىقاچان مەملىكەت بويىچە لاتارىيەچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان « يىل ئاخىرىدىكى تاماق» قا ئايلاندى، ھەر يىلى بۇنداق بىر ۋاخ « تاماق» كەلمىسە، كۆڭلىمىزدە بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىمىز. مانا، 2021-يىلىدىكى « كاتتا زىياپەت» يېتىپ كەلدى! ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە لاتارىيەچىلەرنىڭ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
قايناق ھېسسىيات بىلەن بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن سوۋغا قىلىنىدۇ
توپتوغرا 20 قارار داۋاملىشىدۇ
بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2021131 قارار (مۇكاپات ئېچىلىش ۋاقىت 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ) دىن باشلىنىدۇ، مۇكاپات تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ھەممىسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى تەڭشەش فوندىدىن كەلگەن بولۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ تەلەيگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى تەخمىنەن 20 قارار قانات يايدۇرۇلىدۇ، لاتارىيەچىلەر دو تىكىش ئۇسۇلىنى تولۇق تاللاپ، سېتىۋېلىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلىدە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 20 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ
مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 500 مىليون يۈەن. ھەر قاراردا 25 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، 1 – دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تەسىس قىلىندى، شۇ قارار يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى، ھەر قېتىملىق 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا شۇ نۆۋەتلىك 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئاساسىي مۇكاپات 1:1 بويىچە تارقىتىلىدۇ (قوش رەڭلىك توپ ئويناش قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ ، مۇكاپات كۆلچىكىنىڭ مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغاندا، يەككە دو بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 5 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ مۇكاپات كۆلچىكىنىڭ مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغاندا، يەككە دو بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇكاپاتى ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى قىسىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 5 مىليون يۈەن). ئەگەر شۇ قارار 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات مۇكاپات سوممىسى شۇ مەزگىلدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تىزىملىكى بويىچە ئاساسىي مۇكاپات پۇلىنىڭ 1:1 نىسبىتى بويىچە مۇكاپات پۇلىنى بېرىشكە يەتمىسە، شۇ مەزگىلدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپات شەرتىدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر شۇ قارارلىق 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات سوممىسى چىقىرىلمىغان ياكى قالدۇق قالدۇرۇلمىغان بولسا، ئۇ ھالدا، كېيىنكى قارارلىق 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى بىلەن قوشۇپ تارقىتىلىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە، 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات پۇلىنى تارقىتىش تاماملانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى قائىدىسىگە ئاساسەن، كۈندىلىك مۇكاپات ئېچىشتا، يەككە دو تىكىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، لاتارىيەچىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلسىلا، مۇكاپات تارقىتىش شەرتىدىكى قوش رەڭلىك توپ لاتارىيەسىنىڭ يەككە دو تىكىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 20 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئەسلىدىنلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مۇكاپات، بۇ قېتىم يەنە بىر ھەسسە قاتلاندى، بۇ كىشنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش !
كىچىك مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات پۇلىمۇ « بىر قاتلىنىدۇ»
كۆپ بولمىسىمۇ يەنىلا ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئەلۋەتتە مول، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنداق تەلىيى كېلىۋەرمەيدۇ. ئەكسىچە 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ناھايىتى ئۇڭايلا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە ئالتە دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ بىر قاتلىنىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى، مۇكاپات سوممىسى ئالدىن 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە شۇ قارار يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىگە ھەر بىر دو 6-دەرىجىلىك مۇكاپات بويىچە 5 يۈەن مۇقىم مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئەگەر 6 دەرىجىلىك مۇكاپات بىر قاتلىغۇچى مۇكاپات ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 700 مىليون يۈەنگە يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، كېيىنكى قاراردىن باشلاپ 6 دەرىجىلىك مۇكاپات بىر قاتلىغۇچى مۇكاپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر 6-دەرىجىلىك مۇكاپات ھەسسىلىگۈچىلەر مۇكاپات ئومۇمىي مەبلىغى 700 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، كەم قالغان قىسمىنى تەڭشەش فوندى تولۇقلاپ بېرىدۇ.
ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ بىر قاتلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ كىچىك مۇكاپات تۈرىنىڭ تېخىمۇ ئەرزان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر ھەسسە قاتلىغۇچىلار مۇكاپات پۇلى يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىلىتىدىكى مۇكاپات پۇلى بەش يۈەندىن 10 يۈەنگە قاتلىنىدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكاپات شىنجاڭدا ئۇدا 14 يىل قانات يايدۇرۇلۇپ، مول، ياخشى سوۋغاتلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى
بۇ قېتىمقى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى 2008 ـ يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر كۈتۈۋالغان 14 ـ قېتىملىق قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر ئەزەلدىن ئامەت بىلەن دوست بولۇپ كەلگەن، ئىلگىرىكى يىللاردىكى قوش رەڭلىك توپ مۇكاپاتى پائالىيىتىدە ياخشى نەتىجىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ۋە ئاجايىپ ئامەتلەر نامايەن قىلىنغان. بۇ قېتىمقى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرگە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، ئىشىنىمەنكى، لاتارىيەچى دوستلار چوقۇم كۆڭۈل ئېچىشقا، ئەقىل ـ ئىدراكلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان بەخت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(پاراۋانلىق لاتارىيە تەشۋىقاتى)