«ئاۋاتار 3»بۈگۈن قويۇلدى، رېژىسسور كامېرون مەخسۇس جۇڭگو كىنو مەستانىلىرىنىڭ «سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى»
بۇيەرنى بېسىپ ئەلكۈيى كىنوخانىسىغا كىرىڭ

«كىنودا، پېرسوناژلار نۇرغۇن قاراڭغۇ سىناق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قايغۇ ۋە ئۆچمەنلىككە تىرىشىپ تاقابىل تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز».
تۈنۈگۈن سائەت 22 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئاۋاتار 3» (阿凡达3) ناملىق كىنو رەسمىي قويۇلۇش مىنۇتلىرىدا ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 دىن ئارتۇق ۋەندا كىنو شەھەرچىسى ۋە خۇەنيىڭ كىنو شەھەرچىسىدىكى IMA X كىنو زالىغا تونۇش بىر چىراي «پاراشۇت بىلەن»چۈشتى، رېژىسسور جامېس كامېرون سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئۆزىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«ھېكايىدىكى غايەت زور كۆك رەڭلىك تاشقى پىلانت ئادەملىرى يەنە بىر دۇنيادىن كەلگەن، لېكىن مېنىڭچە بىز ئۇلارنى ئادەتتىكى ئادەم قاتارىدا چۈشىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز ئۆزىمىزدىكى ئىنسان تەبىئىتىنى كۆردۇق. مەن بۇ يەردە بەك كۆپ ئاشكارىلاپ قويسام بولمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ كىنوخانىدىن چىققاندا، بۇ روللار ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدنى ھېس قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. »
بۇ قېتىم تېخنىكىدا يەنە ئىلگىرىلەش بولغان
«بىز IMAX ۋە 3 D نى ئويلىغىنىمىزدا، كاللىمىزدا غايەت زور مەنزىرە ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەر نامايان بولىدۇ»كامېرون قىلچە پىخسىقلىق قىلماپتۇ، كۆرۈرمەن مۇنداق دەيدۇ:«3 D سىزنى شۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك، رولچىلار بىلەن بىللە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ، سىز ھەتتا ئۇلارنىڭ ئازابى، خۇشاللىقى ۋە ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭچە، بۇ دەل كىنوخانىلارنىڭ سېھرىي كۈچى، چۈنكى، ئۇ پويىز بېكەتتىن چىققاندىن كېيىن، تاكى سىز كۆرۈپ بولغۇچە ئاخىرىغىچە ماڭىدۇ، شۇڭا سىز يېرىم يولدا پويىزدىن چۈشۈشكە ئامالسىز قالىسىز».ئۇنى توختىتىپ تۇرۇشقىمۇ ئامالسىز. »

پويىز يولغا چىققاندا بىز بۇنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بىر «ئاۋاتار»ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. گەرچە «ئاۋاتار 2»ۋە «ئاۋاتار 3»دۈمبىنى دۈمبىگە قىلىش ھالىتىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كامېرون كونا ئىشنى تەكرارلىمىغانىدى. ئەگەر ئالدىنقى قىسىمنى «سۇ»دىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش دېسەك، ئۇنداقتا بۇ قىسىمدا ئۇ رىقابەت نىشانىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان «ئوت»، «گاز»ۋە «مىكرو چىراي ئىپادىسى»گە قاراتقانىدى. كىنونىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم ساھەسىدە «سۇ ناھايىتى تەس»دەيدىغان بىر جۈملە كەسپىي سۆز بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «سۇ ئۈزۈش ناھايىتى تەس»دېگەنلىك ئىدى.«چۈنكى سۇ گەرچە تەستە ئاقسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاساسلىقى ئاقار جىسىم؛ يانار تاغ پارتلاش بولسا ئوت، ئىس-تۈتەك، كۈل، گاز ئېقىمى، تېمپراتۇرا، ستاتىك توك قاتارلىق كۆپ خىل فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە چېتىلىدۇ. ئەمەلىي كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، بىزگە تونۇشلۇق بولغان بۇژغۇن ۋە چوڭ قۇشلارنى دېمەيلا قويايلى، كىنولاردىكى يانار تاغ پارتلىغاندا لاۋا «قىزىل كولا»دەك سىلىق ئاقماستىن، بەلكى ھەقىقىي يېرىم قاتقان «شاكىلى بار شېكەر قىيامى»غا ئوخشايدۇ-يۈزى پوستىلىنىدۇ، يېرىلىدۇ، ئاندىن ئاقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىللە، يانار تاغ كۈلى ئىستاتىك ئېلېكتىرگە ئىگە بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ چېچى ۋە تېرىسىگە سۈمۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئىنچىكە ھالقىلار ئىلگىرى ئالاھىدە ئۈنۈم ئۇستىلىرىنىڭ قولى بىلەن «چوتكىلىشى»ئارقىلىق ھاسىل قىلىناتتى، ھازىر كامېرون كوللېكتىپى يېڭى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئېچىپ، كومپيۇتېردا بۇ مۇرەككەپ فىزىكىلىق رېئاكسىيەلەرنى زىدوڭ ھېسابلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، كۆرۈش سېزىمىنىڭ قېلىنلىقى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قىسىمدىكى مىكرو چىراي ئىپادىسىنى تۇتۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلگىرى ناۋىلارنىڭ رولىنى ئالغاندا پەقەت مۇبالىغە قىلىپ ئورۇنلاشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئارتىسلار پەقەت «ئۆزى»بولسىلا بولدى. تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، چىراي ئىپادىسىنى تۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى% 60 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئارتىسلارنىڭ چىرايى 60 مىڭ مىكرو ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئېكرانغا ئايرىلغان بولۇپ، سېكونتىغا 1200 كاندۇكسىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، بىر تال تەر تۈكىنىڭ تىترىشىنىمۇ تۇتالايدۇ. ئەمەلىي ئۈنۈمدىن قارىغاندا، كىنوخانىنىڭ 10-رېتىدا ئولتۇرسىمۇ، سەلبىي پېرسوناژنىڭ جاۋغىيىنىڭ ئىنتايىن كىچىككىنە تارتىشىشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.پېرسوناژنىڭ كۆز قارىچۇقى تارايغان چاغدىكى رەڭدار پەردە سىزىقچىلىرى بىلەن ماسلىشىدۇ. كۆرۈرمەننىڭ كۆرىدىغىنى كۆك رەڭلىك CG تاشقى پىلانت ئادەملىرى بولماستىن، بەلكى جانلىق، ئىچكى دۇنياسىدا تىركىشىۋاتقان ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئاۋاتار 3»نىڭ پۈتۈن جەريانى 48 كاندۇك بولماستىن، بەلكى ھەرىكەتچان ئالمىشىشتۇر. ئادەتتىكى يېزىقچىلىق قىسمىدا 24 كاندۇك ساقلىنىپ، كىنو تۇيغۇسى ساقلاپ قېلىنىدۇ، كەسكىن ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر (تەخمىنەن% 40 نى ئىگىلەيدۇ) ئىچىدە زىدوڭ48كاندۇك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى كاندۇكقا ئالمىشىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى 3 D كىنولارنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ سايىسى سۆرۈلۈش ۋە غۇۋالىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، سىزنى كۆرۈش جېڭى قىلغان ۋە كىنو قوغلاشقان ۋاقىتتا، ئادرېنالىن شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزىڭىزنى چارچىتىۋەتمەيدۇ.
بۇ قېتىمقى ھېكايە يەنىلا «كونا»
تۈنۈگۈن كەچ كامېروندىن «ئاۋاتار»يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ قانداق قىلىپ يەنە بىر قېتىم پۈتۈن يەر شارى كۆرۈرمەنلىرىنى تۇتاشتۇرغانلىقىنى سورىغاندا، ساختا مەدەنىيلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق ھېسسىيات، قانداق قىلىپ مەدەنىيەت توسۇقى ۋە پەرقىدىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، بەش بالىنىڭ دادىسى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:«بۇ فىلىمدە بۇرۇنقىدەكلا بىزنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز، شۇنداقلا تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان كۈچلۈك تەسىراتىمىز سۆزلەنگەن، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلە ھېكايىسى».
كامېرون مۇنداق دەيدۇ:«ئائىلە ھېكايىلىرىدە ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئورنىتىش قىيىن بولغان جاپالىق پەيتلەر، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆز ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا تىرىشىۋاتقان تىركىشىشى بايان قىلىنىدۇ. بۇنداق ئائىلە ھېكايىلىرى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. »

لېكىن بۇ توغرىسىدا يەنە بەزى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىرلىرى بار ئىدى. «ئاۋاتار 3»كىچىك كۆلەمدە قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوبزوردا مۇنداق كۆرسىتىلدى:يېڭى فىلىم ھېكايىسىنىڭ يادروسى يەنىلا «سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن ناۋىلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئاندىن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش»تەك توزاق قۇرۇش. بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەر ۋەقەلىكتە يېڭىلىق يوق، ھەتتا سەل سۆرەلمە دەپ قاراپ، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى كىنونى «ھوللىۋودنىڭ ئاقما لىنىيە مەھسۇلاتى»دەپ تەنقىد قىلدى. بولۇپمۇ بۇ سېنارىيەنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىلا خېلى «ئاددىي»بولۇپ، چەكسىز دەۋرىيلىنىدىغان توزاق قۇرۇشقا پېتىپ قالغاندەك قىلاتتى:«تۇتۇپ يەنە قويۇپ بېرىش، قويۇپ بېرىپ يەنە تۇتۇش».
بىر كۆرۈرمەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق غۇدۇڭشىش قىلغانىدى:«ئاۋاتار 3»نىڭ يادرولۇق ۋەقەلىكىنى بىر قىسقا ئۇچۇر بىلەن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:«ئائىلىڭىزدىكىلەرنى يەنە مەن تۇتۇۋالدىم، تېز كېلىپ قۇتقۇزۇڭلار».
ئەگەر سىز كىنو سېنارىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە يېڭىلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرسىڭىز ياكى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان كۆرۈش ۋاقتىنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا كىنوخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن كۆزلىمىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى بىر مەيدان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك «كۆرۈش سېزىمى كۆرگەزمىسى»دەپ قارىسىڭىز تېخىمۇ راھەت بولىدۇ. بىراق سىز IMAX ياكى كىنولارنىڭ ئەڭ يېڭى ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسىنىڭ مەستانىسى ياكى «ئاۋاتار»يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ سادىق مەستانىسى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەيلى كۆز ئالدىڭىزدىكى يانار تاغ پارتلىغان لاۋا بولسۇن ياكى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي تەمدىكى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.ياكى سىزگە ئېكراندىن بۆسۈپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان ناۋىلارنى ھېس قىلدۇرىدۇ، پاندورا پىلانېتىسىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىسى يەنىلا «ئاۋاندا 3»نى ئاسانلا بېلەت باھاسىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇيەرنى بېسىپ ئەلكۈيى كىنوخانىسىغا كىرىڭ

