ئۇسۇل پەرۋانىسى نىلۇفەر تاھىرنىڭ«قەشقەر قىزى»ناملىق ئۇسۇل MVسى تارقىتىلدى

爱酷艺娱乐
2023-09-01
来源:ئەلكۈيى سەنئەت قانىلى

2.gif





ئەلكۈيى سەنئەت قانىلى   تەۋسىيەسى:تالانتلىق ياش ئۇسۇلچى ، ئۇسۇل پەرۋانىسى نىلۇفەر تاھىرنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلى   قەشقەر قىزى ئەلكۈيى تورىغا تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى، نىلۇفەر تاھىر بولسا ئۇسۇل خانىشى تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجاننىڭ جىيەن قىزى بولۇپ ،مەرھۇم ئىبراھىم ئەپەندىمدىن باشلانغان ئۈچ ئەۋلات ئۇسۇلچىلارنىڭ يېمىرىلمەس ئۇسۇل روھىغا ۋەكىللىك قىلغان تالانتلىق ئۇسۇلچى ھېسابلىنىدۇ.نىلوفەر تاھىرنىڭ بارلىق ئۇسۇللىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

未标题nilupar-2.jpg

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىلوفەر تاھىر ئوينىغان ئۇسۇللارنى ئاساسەن دىگۈدەك ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلىۋاتقان بولۇپ،بوۋىسى ئىبراھىم ئەپەندىمدىن قالغان ئەنئەنىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ.   «قەشقەر قىزى» ناملىق ئۇسۇلنىمۇ نىلۇفەر ئۆزى ئىشلەپ ئوينىغان ،ئۇسۇل ھەركىتىدىكى ھېسسىيات بىلەن رىتىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى،   تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە مۇزىكىغا ماسلاشقان   مۇكەممەل يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ئىنتايىن نەپىس ھالەتتە داۋام قىلغان .

640 (7).jpeg