ئاشۋارىيانىڭ ھىندىستاننى زىل-زىلگە سالغان ئەڭ يېڭى كىنوسى تارقىتىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-01
来源:ئەلكۈيى ئەپ دىتالى

QQ20201127-0.gif

ئادەم دېگەندە چوقۇملا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىنتىلىش بولىدۇ، بۇ ئىنتىلىش بىلەن شۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ھايات نىشانى ۋە ياشاش مىزانىنى يۈرگۈزىدۇ. بۇ نىشان ۋە مىزان شۇ ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ قەدىمكىلەردىن تارتىپ ھازىرقىلارغىچە يېتىپ كەلگەن. بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىمىز بولسا ئاشۋارىيا باش رول ئالغان يېڭى كىنو.

گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، قاراشلىرى، كۈلۈشلىرى جاننى ئالىدىغان ئاشۋارىيا قەدىمكى بىر دەۋردە خانىش بولىدۇ، ئۇ ئوردىنىڭ مۇھىم ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن چېچىنىڭ ئۇچىدىن تاپىنىغىچە لىققىدە ئالتۇنلارغا كۆمۈلۈپ ئادەم بالىسىمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بولامدۇ دېگەندەك ھەممە ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ. ئاشۋارىيانىڭ گۈزەللىكى چېكىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ مەخسۇس ئۇنىڭ كەينىگە سەت كېنىزەكلەرنى قوشۇپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە بۇمۇ ئاشۋارىيانىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش ئۈچۈن. ئاشۋارىيانىڭ كەينىدىكى كېنىزەكلەرمۇ نۇرغۇن ئالتۇن-زىرىلەرنى تاقىسىمۇ لېكىن ئاشۋارىيادەك گۈزەل بولالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھ بىلەن خانىش بىزنى قەستەن مۇشۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قويماقچى دەپ قارايدۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۋارىيانىڭ كەينىدە يۈرىدىغان بىر كېنىزەك ئاشۋارىيانىڭ گۈزەللىكىگە ئىچى قايناپ بولالماي قېلىپ ئۆزىنىڭ ئوردىدىن تۇتۇۋالغان بىر ئاشنىسىغا ئاشۋارىيانىڭ غەيۋىتىنى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پادىشاھقا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ، ھېلىقى بالىمۇ بۇ كېنىزەكنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بىرگە ئىككىنى كۆپتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا دېيىش ئۈچۈن كېلىدۇ. پادىشاھ خۇددى چاپان ئارتىۋالسام باشقىلار بىلىكىمدىكى، بوينۇمدىكى ۋە كىندىكىمنىڭ ئاسىتىدىكى ئالتۇنلارنى كۆرمەي قالمىسۇن دېگەندەك تاز بېشىغا رەخت يۆگەپ، باشقا يەرلىرىنى ئوچۇق قويىدىغانلاردىن ئىدى، ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ.


ئۇ كىشى پادىشاھقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن «دېسەم مېنى ئەپۇ قىلارلا، سىزنىڭ خانىشىڭىز ئاشۋارىيا ئۆزىنى گۈزەل دەپ بازارغا سالغىلى تۇرۇپتۇ، يەنە بىر نەچچە يەردە سىزنىڭ دائىم مايمۇندەك يالىڭاچ يۈرىدىغانلىقىڭىزنى دەپ غەيۋىتىڭىزنى قىپتۇ، دۇنيادا زادى ساھىبجاماللارنىڭ تېشى گۈزەل بولغان بىلەن ئىچى گۈزەل ئەمەس، شۇڭا سىزنى ئېھتىيات قىلامدىكىن دەپ يېنىڭىزغا كەلگەنتىم» دەيدۇ. قاپاق كاللىسى ئانچە ئىشلەپ كەتمەيدىغان پادىشاھ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىڭ قېلىپ ئاشۋارىيانى چاقىرىپ ئۇنى تىزلاندۇرۇپ مۇشۇنداق قىلغان قىلمىغانلىقىنى سورايدۇ. ئاشۋارىيا يىغلاپ تۇرۇپ «مەن سىزنىڭ مايمۇندەك يالىڭاچ يۈرىدىغانلىقىڭىزنى دېگىنىم راست، لېكىن گۈزەللىكىمنى بازارغا سېلىپ باقمىدىم، باشقىلار مېنى كۆرەلمەپتۇ» دەيدۇ. ئۇنداقتا ئاشۋارىيا كېيىن قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ؟ بۇلارغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار ئەلكۈيى ئەپ دىتالىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان   «قەھرىمانلىق رىۋايىتى: ئالدىنقى بۆلۈم»دە بولسۇن!


WechatIMG1339.jpeg