ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە رىشتە ئۈچ مىڭ يىلدىمۇ ئاجىزلىمايدۇ

ئەلكۈيى كىنو قانىلى
2022-10-09
来源:ئەلكۈيى تورى

QQ20201127-0.gif

مۇھەببەت رىشتى ئادەمنى نەچچە مىڭ يىللىق شېرىن لەززەت قوينىدا ئەللەيلىتىدۇ، بۇخىل شېرىن لەززەت كىشىگە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھۇزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق بولغاچقا مۇھەببەت دېگەن تېما كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا مەڭگۈ-مەڭگۈ يادلىنىپ كەلمەكتە. بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىمىز بولسا دەل مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكى بىلەن ئۇرۇن يىللىق رىشتىسىنى ساقلاپ قالغان ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

مانا بۇ لېۋىنى چىشلەپ ناراكىتىنى ياكى ھەيۋىسىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىزنىڭ ئىسمى يۈ دېڭدېڭ ئىدى، ئۇ ئادەتتە مەھەللىسىدە ئەرەنچە ياسىنىۋېلىپ ئوغۇللار بىلەن دېڭ دېڭ ئويناپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى يۈ دېڭدېڭ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ گەرچە ئايال كىشى بولغان بىلەن ئەرلەرگە خاس ۋىجدان ۋە قەيسەرلىك بىلەن ياشايتتى. مەلۇم بىر كۈنى يۈ دېڭدېڭ بۇرۇنقى ئادىتى بىلەن مەھەللىسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر يەرگە بىرمۇنچە ئەركىشىنىڭ يىغىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ، ھەرقانداق ئىشقا قىزىقىپ باقىدىغان يۈ دېڭدېڭ دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ، ئەسلىدە ئۇلار بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، كىم كىرەلەيدۇ؟ دەپ بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكىلى تۇرغانىكەن.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

يۈ دېڭدېڭ بۇنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغۇسى كېلىپ كېتىدۇدە ئالدىغا چىقىپ ئۆڭكۈرگە قاراپ ماڭىدۇ. باشقىلار بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭالمايدۇ. يۈ دېڭدېڭ ئۆڭكۈرگە قاراپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز پۇتىنىڭ ئاستىدىن ئويمان پەيدا بولۇپ يۈ دېڭدېڭنى شوراپ ئەكىرىپ كېتىدۇ. يۈ دېڭدېڭ قانچە كۈچلۈك ۋارقىرىسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر چاغدا ئۆزىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر جايغا كېلىپ قالىدۇ، ئەسلىدە ئۇ مىڭ يىل ئىلگىرىكىگە قايتىپ قالغان بولۇپ، ئازراق مېڭىپلا ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىتنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، خۇددى ئۇ بۇ يىگىتنى كۆرۈپ باققاندەك يۈرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى بىرخىللا بولۇپ قالىدۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

يۈ دېڭدېڭ بۇ يەر باشقا زاماننىڭ ئېپى-جېپىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ تېتىكلىكى ۋە قاراملىقى بىلەن ئىش قىلىپ بىردىنلا بۇ يەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاياللاردىن بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن شاھزادە ۋە بەگلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن بەي دېڭدېڭ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندە تۇنجى قېتىم كۆرگەن يىگىتىنى ئەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولماقچى بولىدۇ ۋە ئۇنى ئىزدەشنى باشلايدۇ. ئۇنداقتا بەي دېڭدېڭ مۇرادىغا يېتەلەمدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىت ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ كۆرەلەيسىز