ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارىتى بولىدۇ، ئالايلۇق، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىتى، فىرانسىيەنىڭ ئېففېل مۇنارى دېگەندەك. ئۇنداقتا بېيجىڭدا قانداق بەلگە ئىمارەتلەر بار؟ 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئون چوڭ بەلگە ئىمارەتنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق، بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش ئورگان بىناسى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش ئورگان بىناسى بېيجىڭنىڭ سودا مەركىزى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئورگان بىناسى، تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت مەركىزى، مۇلازىمەت بىناسى، تەبرىكلەش مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گوللاندىيەلىك رېم كۇخاس ۋە گېرمانىيەلىك ئورې شې باشچىلىقىدىكى چوڭ شەھەر قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئورنى لايىھەلىگەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش ئورگان بىناسىنىڭ سىرتقى شەكلى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2007-يىلى دۇنيادىكى ئون چوڭ قۇرۇلۇش مۆجىزىسىنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش ئورگان بىناسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 187 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 550 مىڭ كىۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي بىنا ئايرىم-ئايرىم 52 قەۋەت، 234 مېتىر ئېگىزلىك ۋە 44 قەۋەت، 194 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار بىناسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 10 قەۋەتلىك يوپكىسىمان بىنا شەكلىدە لايىھەلەنگەن ھەم 162 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ چات ئارىسى سىرتقا سوزۇلغان، 14 قەۋەتلىك، 18 مىڭ توننا كېلىدىغان پولات قۇرۇلمىلىق ئاسما يەلكە بىلەن كېسىشىپ تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئومۇمىي پولات مىقدارى 140 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. شىمالىي يانداش بىنانىڭ ئېگىزلىكى 159 مېتىر، ئاساسىي بىنا 30 قەۋەت، يوپكىسىمان بىنا 5 قەۋەت كېلىدۇ. 2004-يىلى 21-ئۆكتەبىر قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2012-يىلى 16-ماي پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟