ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارىتى بولىدۇ، ئالايلۇق، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىتى، فىرانسىيەنىڭ ئېففېل مۇنارى دېگەندەك. ئۇنداقتا بېيجىڭدا قانداق بەلگە ئىمارەتلەر بار؟ 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئون چوڭ بەلگە ئىمارەتنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق، بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا
جۇڭگو دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، بۇ يەر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئورۇنداش سەنئىتىدىكى ئەڭ ئالىي قەسىر، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سۇپا، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىدىكى مۇھىم بازا. بېيجىڭدىكى يېڭى 16 مەنزىرە ئىچىدىكى بىر بەلگە قۇرۇلۇش بولغان دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا ئۆزگىچە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى شۇنداقلا سىرتتىكى كەڭ كۆلەملىك يېشىللىق، دەل-دەرەخ ۋە گۈل-گىياھلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپلا قالماي، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن سەنئەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆز ئارا ماسلىشىش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ نامايان قىلغان.
جۇڭگو دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا قۇرۇلۇشى 2001-يىلى 13-دېكابىر رەسمىي باشلانغان، 2007-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىچىدە ئوپېرا، كونسېرت زالى، تىياتىرخانا ۋە سەنئەت كۆرگەزمە زالى، ئاشخانا، ئۈن-سىن ماگىزىنى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر بار.
2007-يىلى 22-دېكابىر، جۇڭگو دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا رەسمىي سىرتقا ئويۇن قويۇشقا باشلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا باشتىن-ئاخىر «خەلقچىللىق، بەدىئىيلىك، خەلقئارالىق» باش مەقسىتى بويىچە، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكى دەۋر كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.
ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟
www.alkuyi.com