ئەينى چاغدىكى بۇ چولپان ئېسىڭىزدىمۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-12-29
来源:تېڭشۈن




بىر خىل ناخشىلار بار. بۇ خىلدىكى ناخشىلار ئەمەلىيەتتە ئانچە يېقىملىقمۇ ئەمەس، لېكىن ئاڭلىغانلىكى كىشىنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇپ، بۇ ناخشىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن خېلى ئۇزاققىچە قۇتۇلالمايدۇ.

ئەينى يىلى پۈتكۈل ئاسىيادا مودا بولغان سىرلىق مۇزىكا «گاڭنام style» ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟ يەنى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئويناپ كەتكەن ھېلىقى «ئات ئۇسسۇلى» شۇ! بۇ ناخشا ئەينى يىلى بەك قىزىپ كەتكەن، مەيلى ياشانغانلار ياكى بالىلار بولسۇن، ھەممەيلەن غىڭىشىپ يۈرۈشەتتى.

دەل مۇشۇ ناخشا سەۋەبىدىن، بۇ ناخشىنى ئېيتقۇچى PSY تاغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسىيادىن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سېھرىي خاراكتېرلىك ئۇسسۇلى بۇ ناخشىغا يېڭى روھ ئاتا قىلدى. PSY تاغىغا ئوخشاش چىرايدىكىلەرنىڭ شۇ چاغلاردا نام قازىنىشى ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇ كورىيەلىك سەنئەتكار بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن كورىيە ئۇسلۇبىدىكى سويما ناخشىچى ئەمەس، بەلكى بىر تاغا ئوبرازىدىكى كىشى ئىدى.

گەرچە تاماشا ساھەسىدە تاشقى كۆرۈنۈشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايى كېلىشكەن، قامەتلىك بولمىسا قەتتىيلا نام چىقىرالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچى بولسا ئوخشاشلا كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ. PSY تاغا ھەقىقىي بىر ئەمەلىي كۈچى بار چولپان. بىراق، كېيىنكى مەزگىللەردە PSY تاغا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن «گاڭنام style»نىڭ سەۋىيەسىگە يەتمەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، PSY تاغىمۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.

شۇڭا PSY تاغا كىشىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ھازىر غەلىتە يولدا مېڭىشقا باشلىدى. بىز سەھنىدىكى PSY تاغىنىڭ ئۇچىسىغا ئىچ كىيىمگە ئوخشاش ئاجايىپلا بىر نەرسىنى كىيىپ، غەلىتە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. راست گەپنى قىلسام بۇ ئۇسسۇل ھەقىقەتەن كۆزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىراتتى. بۇنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر ئازراق ھەيرانلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئىلگىرى ئاسىياغا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ كەتكەن داڭلىق ناخشىچى، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت مۇشۇنداق ئۇسسۇل ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

تاماشا ساھەسى شۇنداق رەھىمسىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرالمىسىڭىز، ئۇنداقتا تاماشا ساھەسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىسىز.