1. كۆپچىلىك مۇنداق بىر سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: ئەتىگەنلىك تاماقنى چوقۇم يەڭلار! ئەلۋەتتە بۇ ساغلام بولۇش-بولماسلىق ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇ سىزنىڭ بىر كۈنىڭىزدىكى ئەڭ ئەرزان تاماق!
2. پۇل تېپىش بىر ئىقتىدار، پۇل خەجلەش بىر تېخنىكا، مېنىڭ ئىقتىدارىم چەكلىك، لېكىن تېخنىكام ئۈستۈن.
3. مۇئەللىم: ساۋاقداشلار، سىلەر ئەر ئايال ئارىلاشما جۈپ ئويناشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ (ئەسلى بۇ تىك تاك توپ مۇسابىقە تۈرى) ئوقۇغۇچى: بىلىمەن، ئاخشام مەن كۆرگەن. ئوقۇتقۇچى: چۈشەندۈرۈپ باقە. ئوقۇغۇچى: دادام ماڭا ئائىلىدىكى ئىشنى سىرتقا يايما دېگەن.
4. ئەتراپىڭىزدا بىر توپ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بار، ئۇلار سىزدىن نېمە ئىش يۈز بەردى دەپ سورايدۇ، سىزنىڭ مەغلۇپ بولۇش تەجرىبىڭىزنى ئاڭلاپ ئاندىن قانائەتلەنگەن ھالدا ئايرىلىدۇ.
5. بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ پۇل تاپقىنىنى كۆرسىلا كۆزى قىزىرىدۇ، لېكىن ئۆزى پۇل تاپالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىشان ئۆزگەرتىپ كۆزىنى يۇمۇپ كۆرمەس قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.
6. ئىنگلىزچە ئىمتىھاندا ئالدىمدا بىر گۈزەل قىز ئولتۇرغان بولۇپ، ئىمتىھان سوئالىنى ناھايىتى ئەستايىدىل يازاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن كۆچۈردۈم، ئاخىرىدا جاۋاب ئوخشاش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تاللاش سوئالىدىن بىر قانچىنى ئۆزگەرتتىم، نەتىجىدە ئۇ كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچى مەن كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بولدۇم.
7. بۈگۈن تېلېۋىزور كۆرىۋاتسام تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى، مەن قورقۇپ تىترەپ كەتتىم ۋە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بۇندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرمەسلىك قارارىغا كەلدىم.
8. چاغانغا ئاز قالغاندا بىرى مەندىن چاغان ئۆتكۈزگۈدەك پۇلۇڭ بارمۇ دەپ سورىدى، بۇ مېنىڭ ئەمەلىي كۈچۈمدىن گۇمانلانغانلىق، بايلىقىم چاغان ئۆتكۈزۈش ئەمەس بۇ ھەپتىنى ئۆتكۈزۈشكىمۇ ئاران يېتىدۇ، دېمەيلا قوياي بولدى، ئىشلەي.
9. تۇرقىڭىزغا قارىغاندا ئورۇقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سەتلىكىڭىزگە سېمىزلىكىڭىز باھانە بولالايدۇ، ئورۇقلىسىڭىز ھېچقانداق باھانە تاپالماي قىينىلىپ كېتىسىز.
10. باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشكە ئۇستا، ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بېرىشتا بىر ئارغامچىغا ئېسىلىشنى ئويلايسىز.
11. توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىم بەزىدە ماڭا چىش پاستىسى سىقىشىمغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن كۈندە ئەمەس، مەن سەن نېمىگە ئاساسەن ماڭا چىش پاستىسى سىقىپ بېرىسەن دەپ سورىسام ئۇ: بەزىدە كۆپ سىقىپ چۈشۈپ كەتكەندە ئىسراپ بولمىسۇن دەپ چىش چوتكىڭىز بىلەن ئېلىۋالىمەن.
12. بۈگۈن ئۆيدە ئىتنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويدىم، يولدىشىم بولسا ئىتقا: ھەي، نېمىشقا يولۋاسنىڭ چىشىغا تېگىسەن، سەن پەقەت بىر ئىت تۇرساڭ دېدى.
13. ھېسابات ئۈزگەندە جەمئىي 102 يۈەن بولدى، مەن كۈلۈپ تۇرۇپ خوجايىن نۆلنى چىقىرۋەتسىڭىز بولامدۇ دېدىم، خوجايىن ماقۇل بولدى، مەن يانچۇقتىن 12 يۈەن چىقىرىپ خوجايىنغا سۇندۇم.
14. ئۇ كۈنى يولدىشىم بىلەن كوچا ئارىلاپ كىيىم دۇكىنىغا كەلدىم، ئىچىدىكى كىيىملەرنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ سېتىۋالماقچى بولدۇم، يولدىشىمغا: «بۇ دۇكاننىڭ كىيىملىرى بەك ياخشى، كىرىپ باقايلىچۇ» دېدىم، يولدىشىم: «نېمىگە كىرىمىز، بۇ خىل دۇكاندىكى كىيىملەر بەك قىممەت، پۇل سالدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن پورتمالىدا پۇل يوقلۇقىنى كۆرۈپ: «يوق» دېدىم، يولدىشىم: «ئۇنداق بولسا كىرەيلى» دېگىنىچە مېنى تارتىپ ماڭدى.
15. ئىشىڭىز بولمىسا مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن كۆپ پاراڭلىشىڭ، ئۆزىڭىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، شۇ ئارقىلىق ئىشەنچىڭىزنى گۇمران قىلىپ ئاندىن بىر يارىماسقا ئايلىنىڭ.
16. ئىشخانىدا ئوسۇرۇپ قويدۇمدە، نېمە كۆيۈپ كەتتى دېدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈچەپ پۇراشقا باشلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ھاۋا ساپلاشتى.
17. ئوقۇتقۇچى شياۋمىڭدىن: «شياۋمىڭ چوڭ بولغاندا ئەگەر خوتۇنۇڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا قانداق قىلىسەن؟» دەپ سورىدى، شياۋمىڭ بىردەم ئويلىشىپ: «ئۇنى تۇل قالدۇرىمەن» دېدى.
18. بۇ يىللاردا پۇل قەرز ئالغانلار دوست، لېكىن قەرز قايتۇرغانلار بولسا دوست ئەمەس، ئۇلار شەپقەتچى!
19. ئوغۇل ئوقۇغۇچى: «يۇلتۇزنى ئاينى قۇياشنى ساڭا بەرگۈم بار، ئالغۇڭ بولسا ھەممىنى بېرىمەن»، قىز ئوقۇغۇچى: «يانفونىڭىزنى كۆرۈپ باقايچۇ»، ئوغۇل ئوقۇغۇچى: «بولمايدۇ!»
20. بىر قىز بار بولۇپ ئېغىرلىقى 100 كىلو، ئۆيىدە زاۋۇتى، پۇلى بار، نەچچە ئون قېتىم لايىق تونۇشتۇرغان بولسىمۇ رەت قىلىندى، بۇ قېتىم يەنە ئۆيىدە يىغلاپ تۇرسا ئانىسى تەسسەللى بېرىپ: «قىزىم يىغلىما، يەنە لايىق ئىزدەيمىز، ھامان ئاچكۆز بىرىگە يولۇقىمىز» دېدى..
21. تۈنۈگۈن شەھەرگە كەپتەر مۇسابىقىسىغا بارغان، نەتىجىدە ئۆزۈم يالغۇز بېرىپتىمەن.
22. قىز دوستۇم مەن بىلەن ئايرىلماقچى بولغاندا بۇ مۇھەببەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ گىرىمسىز سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدىم، نەتىجىدە ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپلا قالماي يەنە مېنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى دېدى.
23. باياتىن پۇرچاق شورپىسى ئىچكەندە بالامنىڭ چىنىسىگە بىر پاشا چۈشۈپ كەتتى، بالام خالىمىغان ھالدا تۆكمەكچى بولدى، بىر تەرەپتىن تۆكۈپ بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «ساڭا ئاناڭ سۇ ئوينىما دېمىدىمۇ؟ ئەمدى ياخشى بولدىمۇ،