تۈن ئاسمىنى

2020-12-24
来源:

素材.jpg


يېقىندا يېڭى فانتازىيەلىك فىلىم «تۈن ئاسمىنى»(午夜天空)نىڭ تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ فىلىم (ئامېرىكا ۋاقتى) 23-دېكابىر Netflixتە قويۇلدى. نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا بۇ فىلىمنىڭ كېلەر يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا تاللىنىپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.




«تۈن ئاسمىنى» فىلىمىگە ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى جورج كىلونىي ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى باش رول ئالغان. فىلىم مەزمۇنىغا كەلسەك، يەرشارىدا سىرلىق ئاپەت يۈز بېرىپ، يەرشارى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، كېيىن ئىنسانلار يوقىلىپ، شىمالىي قۇتۇپقا يوشۇرۇنۇۋالغان بىر 70 ياشلىق بوۋايلا ھايات قالىدۇ. بۇ بوۋاي ئالىم ئاۋگۇستىن ئىدى. ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ قېتىملىق ئاپەتتىن ئامان قالغانىدى.

بۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار ياشاشقا ماس كېلىدىغان پىلانېتا ئىزدەپ ئالەم كېمىسىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى يۇپىتېردىن ئىنسانلار ياشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان جاي تاپقان بولۇپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەر شارىغا قايتىپ كىشىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. بىراق ئۇلار شۇ تاپتا يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۈچەيلەن ئامال قىلىپ يەر شارىغا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىدۇ. يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ ئامالسىز ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يۇپىتېرغا قايتىپ كەتمەكچى بولىدۇ، بۇۋاقىتتا باش قەھرىمان ئاۋگۇستىن پۈتۈن ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولىدۇ...

تەشۋىقات فىلىمىدىن قارىغاندا مەركۇز فىلىم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان نادىر فىلىم ئىدى. فىلىمنىڭ ئاساسىي تېمىسى نولاننىڭ «پىلانېتىلار ئارا ھالقىش»(星际穿越) فىلىمىگە ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، «تۈن ئاسمىنى»دىمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ياشاشقا ماس كېلىدىغان يېڭى پىلانت ئىزدەپ ماڭىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا ئۆزىگە قەدىرلىك كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى تولىمۇ يەككە- يېگانە، يالغۇز ھېس قىلىدۇ.

مەزكۇر فىلىمدە ھوللىۋود فىلىم مەستانىلىرىگە تونۇشلۇق داڭلىق پېشقەدەم ئارتىسلار رول ئالغان بولۇپ، فىلىمدە جورج كىلونىي ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى باش رول ئالغان. نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئارتىسلىق سالاھىيىتىنىلا بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىر ئارتىس قانداقمۇ بىر فىلىمگە ئوبدان رېژىسسورلۇق قىلالىسۇن؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇمەسىلىگە كەلسەك، شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ جورج كىلونىينىڭ تۇنجى قېتىم رېژىسسورلۇق قىلىشى ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن «ھەربىي قائىدىنىڭ 22-ماددىسى» (第二十二条军规)، «زۇڭتۇڭنى قەستلەش سۈيقەستى»(总统杀局) فىلىملىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر فىلىملەر نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

بۇ فىلىم ئامېرىكا ۋاقتى 23-دېكابىر Netflixتە قويۇلدى، بەلكىم ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg


WWW.Alkuyi.Com