2020-يىلى قازا قىلغان ھىندىستان كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى داڭلىقلار
2020-يىلى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۈشكۈل يىل بولدى، ھىندىستان كىنوچىلىقىمۇ ھەم شۇنداق. ھىندىستاندا مەملىكەت بويىچە قامال يۈرگۈزۈلدى، كىنو سۈرەتكە ئېلىش توختاپ قالدى، كىنوخانىلار تاقالدى، فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشى كېچىكتۈرۈلدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىشسىز قالدى... بۇنى ئاز دېگەندەك، يەنە بۇ يىل بوللىۋودتا نۇرغۇن كىشىلەر كېتىپ قالدى.
سۇشانت سىڭ راجپۇت
ياش ئارتىس سۇشانت سىڭ راجپۇت بۇ يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بوللىۋودنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى، ھازىرغىچە نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى تازا ئېنىق ئەمەس، ھىندىستان مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە زەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىرغىچە بۇ دېلونى تەكشۈرمەكتە.
ئىرفان خان
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كېسەل بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئىرفان خان 4-ئاينىڭ 29-كۈنى قازا قىلدى. ئىرفان خان كېسىلى سەۋەبلىك ئاخىرقى فىلىمى «باش پەللە 2»نى تەشۋىق قىلىشقا ئامالسىز قىلغان. رول ئېلىش ماھارىتى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن ئىرفان خان يالغۇز بوللىۋودتىلا ئەمەس، ھوللىۋودتىمۇ نام چىقارغان.
رىشى كاپور
پىشقەدەم ئارتىس رىشى كاپور 4-ئاينىڭ 30-كۈنى راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى. ئۇ 40 يىلغا سوزۇلغان سەنئەت ھاياتىدا ئېسىل فىلىملىرى بىلەن نەچچە ئەۋلاد كىنو مەستانىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئاتا قىلغان.
نىشىكانت كامات
رېژىسسور نىشىكانت كامات 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 50 يېشىدا قازا قىلدى. ئىگەللىنىشىچە ئۇ ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك كېسىلى سەۋەبلىك بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان ئىكەن. ئۇ فىلىم «كۆرۈش تۇيغۇسى»(误杀瞒天记)نىڭ ئەسلى نۇسخسىنى ئىشلىگەنلىكى بىلەن تونۇلغان.
ۋاجىد خان
بوللىۋود كومپوزىتور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋاجىد خان 5-ئاينىڭ 31-كۈنى يۈرەك ۋە بۆرەك كېسىلى سەۋەبلىك ۋاپات بولدى. ئۇ سالمان خاننىڭ فىلىملىرىنىڭ مۇزىكلىرىنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلەن تونۇلغان.
باسۇ چاتېرجې
پىشقەدەم رېژىسسور ۋە سېنارىست باسۇ چاتېرجى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 93 يېشىدا قازا قىلدى.
جاگدېپ
كومېدىيە ئارتىسى جاگدېپ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئاسىف بەسرا
11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئارتىس ئاسىف بەسرانىڭ ئۆيىدە جەسىتى تېپىلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بوللىۋود ۋە تېلېۋىزىيە ساھەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى.
س پ بالاسۇبراخمانيام
داڭلىق ناخشىچى س پ بالاسۇبراخمانيام 9-ئاينىڭ 25-كۈنى يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.
ساروج خان
داڭلىق ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى ساروج خان 7-ئاينىڭ 3-كۈنى يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قىلىش سەۋەبلىك ۋاپات بولدى. ساروج خان بوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.