مېلانىيا كىچىك «ئاقساراي»نى مىراس قىلىپ قالدۇرىدۇ

2020-12-10
来源:


ئاقساراينىڭ ھەر بىر نۆۋەتلىك ساھىبخانى ۋە ئۇنىڭ جۆرىسى ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال ئازدۇر-كۆپتۇر مىراس قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئايالى مېلانىيامۇ بۇ ھوقۇقتىن قۇرۇق قېلىشنى خالىماي ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئاقسارايغا بىر يالداما قالدۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 2020-يىلى 7-دېكابىر مېلانىيا ئاقسارايدىكى سېتكا توپ مەيدانىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇش ئاقساراينىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، توپ مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئارام ئېلىش ئۆيى قىلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش 2018-يىلى پىلانلىنىپ 2019-يىلى ئىش باشلانغان بولۇپ، تىرامپ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تەييار قىلىندى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاقسارايدا قالدۇرغان مىراسنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى.

ئاقساراي ئاشكارىلىغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ دېرىزىسىدىن ئىچىدىكى ئارام ئېلىش رايونى ئېنىق كۆرۈنىدىكەن، ئاق رەڭلىك ئۈستەل ياپقۇچ ۋە ئورۇندۇقلار يېزا-كەنت كۇلۇبلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئىكەن.

ئاقساراينىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئىشخانىدىكىلەر بۇ قۇرۇلۇشنى ئاقسارايغا ئوخشىتىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇنى ئاقساراي بىلەن بىر گەۋدە قىلىش ئىكەنلىكى، يېڭى بىنانى لايىھىلەشتە ئاقساراينىڭ مەمۇرىي بىناسىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى قانىتىدىن ئۆرنەك ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ سېتكا توپ مەيدانىنى ۋاسكېتبول مەيدانىغا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ۋاسكېتبول ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىغانىدى. بىراق، مېلانىيا بۇ مەيداننى يەنە ئەسلىگە قايتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمىنى بىرەيلەن ئىئانە قىلغان، بىراق ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىىسمى ۋە ئىئانە سوممىسى ئاشكارىلانمىغان.

يېڭى قۇرۇلۇش پۈتكەن كۈنى مېلانىيا بىر باياناتىدا: «مەن ناھايىتى خۇشال ھالدا ئاقسارايدىكى سېتكا توپ مەيدانى ئارام ئېلىش ئۆيى پۈتكەنلىكىنى جاكارلايمەن. بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بارلىق خادىملارغا، شۇنداقلا ئىئانە قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا بىرىنچى ئائىلىسىنىڭ ئارام ئېلىش ۋە يىغىلىش سورۇنى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

مېلانىيا بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغاندىن باشقا، يەنە ئاقساراينىڭ يەنە بىر مۇھىم رېمونت تۈرىگە، ئاقساراينىڭ ئەتىرگۈللۈكىنى ئوڭشاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2019-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغاندا، ئۇ تېخى گۈرجەك تۇتۇپ قۇرۇلۇش باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ھازىر ئۇ تۈرمۇ ئاياغلاشتى.