ئامىر خاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىنىسىنى خورلىشى قانداق ئىش؟

ئەلكۈيى تورى
2020-12-08
来源:بەيدۇ تورى

گىگانت چولپان ئامىر خاننىڭ ئىنىسى فايسال خاننىڭ تۇنجى رېژىسسورلۇق قىلغان ئەسىرى «Faactory» قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ ئىلگىرى تاغىسى مەنسۇر خاننىڭ فىلىمى «Qayamat Se Qayamat Tak» ۋە «Jo Jeeta Wohi Sikander»، ھەمدە دادىسى تاھىر ھۈسەيىنىڭ فىلىمى«Tum Mere Ho»دە ياردەمچى رېژىسسور بولغان.

يېقىنقى زىيارەتتە فايسال خان ئاكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ فىلىمىگە ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ زىيارەتتە فىلىمىنى ئامىر خاننىڭ شىركىتى ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلارغا رەددىيە بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئالتە يىل بۇرۇن ئامىر خاننىڭ شىركىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئامىر خاننىڭ بۇ يېڭى فىلىمىگە ئىقتىسادىي ياردەم ياكى ئىجادىيەت جەھەتتە ھەمدەم بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«Faactory»دا فايسال خان باش رول ئالىدۇ، راجكۇمار كانوجا ۋە رىببۇ مېھرا قوشۇمچە رول ئالىدۇ. فايسال خاننىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ فىلىم ئاساسەن سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان، لېكىن يۇقۇم سەۋەبلىك توختاپ قالغان.

زىيارەتتە ئۇ يەنە 2007-2008-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قانۇنىي ماجراغا چۈشۈپ قالغانلىق ۋەقەسىنى ئەسلىدى.

2007-يىلى فايسال خان ئىككى كۈن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، بۇ ۋەقەدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئۇ ئاكىسى ئامىر خاننىڭ ئۆزىنى ئۆيدە قاماپ قويغانلىقى توغرۇلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلغان. كېيىن ئامىر خان دادىسى تاھىر ھۈسەيىن بىلەن فايسال خاننىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى تالاشقان.

فايسال خان يەنە خان ئائىلسىنىڭ ئۇنى ئۆيگە قاماق قويغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مەجبۇرىي دورا يېگۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

«ئائىلەمدىكىلەر مېنى خام-خىيال قىلىش كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېىسلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى دەپ ئويلاپ، بىر يىل ئۆيگە قاماپ قويدى، ماڭا مەجبۇرىي دورا بەردى. مەن ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشلارنى جىممىدە قوبۇل قىلدىم، چۈنكى مەن تىنچلانساملا سەۋەبسىز مېنى قىيناۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن.»

فايسال خاننىڭ دېيىشىچە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئىمزا قويۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىخەتەررەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

كېيىن باندرا سوت ھەمكىمىسى ئۇنىڭ ھېچكىمنىڭ ۋەسىيلىك قىلىشىغا موھتاج ئەمەسلىكىگە، ئەركىن ياشىسا بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقارغان. فايسالنىڭ بىلدۈرىشىچە ئۇ دوختۇرخانىدا 20 كۈن پىسخىكىلىق باھالاش قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە ساغلام ئىكەنلىكى جاكارلانغان.

فايسال خان: «ئۇلار ماڭا بىر يىل خاتا دورا بەردى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىشى بەك رەھىمسىزلىك» دېدى.

2008-يىلى سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن كېيىن، فايسال خان زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئائىلىسىنىڭ ئۇنى روھىي كېسەل دەپ پىتنە-پاسات تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فايسال خان ئىلگىرى ئامىر خاننىڭ تۇنجى فىلىمى «Qayamat Se Qayamat Tak» كىچىك رول ئالغان، 1994-يىلىدىكى فىلىمى «Madhosh» بىلەن بوللىۋودقا رەسمىي كىرگەن. ئۇ 2000-يىلى ئامىر خان بىلەن «Mela» دا رول ئالغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان