تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانكا، ئايالى مېلانىيا سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىلدى

alkuyi.com
2020-12-04
来源:qq.com



ئىۋانكا

ئامېرىكا تەپتىش ئورگىنى يېقىندا تىرامپنىڭ 2017-يىللىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىنى تەكشۈردى ھەمدە تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ۋە بىرىنچى خانىمى مېلانىيانى چاقىرتىپ كەلدى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ 2-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر پارچە سوت ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىۋانكا 1-چېسلا ۋاشىنگتوندىكى كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنى گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن تەمىنلىگەن. دەۋانىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام براكمۇ 17-نويابر گۇۋاھلىق بەردى. بۇ سوت ھۆججىتىنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر مېلانىيا ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رىك گەيتىس ۋە تىرامپ سايلام ئەترىتىدىكى توماس براكنى چاقىرتىپ كەلگەن.

2020120314364028244.jpg

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، گەيتىس تىرامپ مېھمانسارىيىدىكى پائالىيەت مەيدانىنى «ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان». 2016 ـ يىلى 12 ـ ئايدا گەيتىس ئىۋانكاغا خەت يېزىپ، زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تىرامپ بىناسىغا يۇقىرى سوممىلىق ھەق تۆلەشنىڭ زىلزىلە پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قۇسۇر چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، گەيتىس مېھمانخانىنىڭ باش دىرېكتورى ۋە تىرامپ جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، 175 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپ، كومىتېت ئۈچۈن تۆت كۈنلۈك ياتاق زاكاز قىلىشقا قوشۇلغان. بۇ كومىتېتنىڭ پائالىيىتىنى پىلانلىغۇچى سىتەفېنى ۋىنستون ۋولكوف بۇ سودىغا قارشى تۇرغان ھەمدە باھانى بازار باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا تەپتىش تارماقلىرى 2019-يىلى 2-ئايدىلا تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى مەبلىغىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. بۇ يىل 1-ئايدا، ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسى تىرامپ گۇرۇھى (Trump Organization) ۋە زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى كومىتېتىنى ئەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، 2017-يىللىق زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئىشلىتىدىغان مەيدان ھەققىنى كۆپ تۆلىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە، تەكشۈرگۈچى خادىملار ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن گۇۋاھچىلارنى چاقىرتىپ كەلدى.