«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»تىكى داڭلىق ئارتىس ۋاپات بولدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
来源:تېڭشۈن تورى




ئەنگىلىيەلىك ئارتىس داۋىد پروس(David Prowse) كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»(星球大战) فىلىمىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈمىدىكى داس ۋېدىرنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقاچقا فىلىم مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى.


داۋىد پروس 1935-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، سەنئەت ساھەسىگە كىرىشتىن بۇرۇن خۇددى شىۋاسىنگېرغا ئوخشاش بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى بولغانىدى. ئۇ قەددى- قامەتلىك ھەم كېلىشكەن بولغاچقا سەنئەت ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈندى، بولۇپمۇ نۇرغۇن فانتازىيەلىك فىلىملەردە كىشىنى قورقۇتىدىغان رەزىل سەلبىي پېرسوناژ رولىنى ئالدى. ئۇ رول ئالغان فىلىملەردىن بىزگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغىنى«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» بولۇپ، ئۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈمىدە ئەڭ چوڭ سەلبىي پېرسوناژ داس ۋېدىرنىڭ رولىنى ئالغانىدى.

گەرچە فىلىملەردە ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق ئوبرازلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇ ناھايىتى مۇلايىم ۋە خۇشخۇي ئادەم ئىدى.

باشقا داڭق چىقارسىلا ئەسلىنى ئۇنتۇيدىغان ئارتىسلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئايالى بىلەن 1963-يىلى توي قىلغاندىن تارتىپ ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن فىلىم ئىشلىمىگىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان فانتازىيەلىك فىلىملەر يىغىنىغا قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملەرگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى ھەممىگە ئايان ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بارلىق فانتازىيەلىك فىلىم مەستانىلىرى قاتتىق قايغۇغا چۆمدى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەزىيە بىلدۈرۈشتى.

2020-يىلى ھەممىمىزگە نىسبەتەن ئاجايىپ مۈشكۈل بىر يىل بولدى، نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالدۇق. گەرچە ئۇلار ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىمىزدىكى ئىزناسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.