«تۆت شاھ»نىڭ بىرى-گو فۇچېڭ

ئەلكۈيى تورى
2020-11-28
来源:تېڭشۈن تورى

ئەينى يىللاردىكى «ساڭا سۆيگۈم چەكسىز» (对你爱不完) دېگەن بۇ ناخشا ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇش، بۇ ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى دەل-گو فۇچېڭ. ئۇ مۇشۇ ناخشىسى بىلەن ھەممىگە تونۇلۇپ، ئەڭ بازارلىق ئەر ناخشىچىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ناخشا ئېيتىشتىن باشقا، كېيىنچە كىنو ساھەسىگە قەدەم باسقان گو فۇچېڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، ئالتۇن تۇلپا مۇكاپاتىنىڭ كىنو شاھى بولغان. قەددى-قامىتى كېلىشكەن گو فۇچېڭ نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە.

گو فۇچېڭ 1965-يىلى جۇڭگو شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. دادىسى ئالتۇن دۇكىنى ئاچاتتى، شۇڭا گو فۇچېڭنىڭ بالىلىقى باياشات ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گو فۇچېڭ دادىسىنىڭ قېشىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كىچىك بايۋەتچىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇسسۇل ئوينىغاندا يارىلىنىپ ئۆيىدە بەك ئۇزۇن كۈتۈنگەچكە، سودا ساھەسىدىكىلەر ئۇنى سىقىپ چىقارغان. خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن گو فۇچېڭنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرگۈسى كەلمەي TVBنىڭ ئۇسسۇل مەشىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئۇسسۇل سىنىپىغا كىرىش تولىمۇ قىيىن بولۇپ، ئۈچ مىڭ كىشىدىن پەقەت ئوتتۇزلا كىشى تاللاشقا قاتنىشالايتتى. ئەمما گو فۇچېڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بۇنى قىلالىدى.

كېيىن ئۇ مېي يەنفاڭ، چېن خۇيشيەن، جوۋ خۇي قاتارلىق ئايال ناخشىچىلارنىڭ پىلاستىنكىسىدا نومۇر ئورۇنلاشقا ۋە ئۇسسۇل ئويناشقا قاتنىشىدۇ. گەرچە بەك جاپا تارتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ گو فۇچېڭنىڭ كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا باسقان تۇنجى قەدىمى ئىدى. كېيىن گو فۇچېڭنىڭ سەھنىلەردىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن، ئەينى چاغدا TVBنىڭ دىرېكتورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان فېڭ مېيجى ئۇنىڭ تالانتىنى بايقايدۇ ھەمدە سىمسىز تېلېۋىزىيەسى مەشىق سىنىپىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىپ مەزكۇر سىنىپنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.

1990-يىلى گو فۇچېڭ بىر بۆلەك ئاپتوموبىل ئېلانى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، سەنئەت ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەينى چاغدا گو فۇچېڭنىڭ تام گېزىتى كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. شۇ يىلى گو فۇچېڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى «ساڭا سۆيگۈم چەكسىز»(对你爱不完)نى ئېلان قىلدى. پىلاستىنكا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاسىيادىكى سېتىلىش مىقدارى بىۋاستە بىر مىليوندىن ئېشىپ، گو فۇچېڭنىڭ سەنئەت مۇساپىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.

ئەمما دەل مۇشۇ يىلى گو فۇچېڭ ئەمدىلا نام چىقىرىۋاتقاندا ئىككىنچى ئاكىسى بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ، بۇلاڭچىلار بىلەن تىركەشكەندە بەختكە قارشى قازا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گو فۇچېڭنىڭ كەيپىياتى بىر مەزگىل پەس كويغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋالقى ئاخشىمى ئىككىسى كۆرۈشۈپ مۇڭداشقان ئىدى، ئەمما بۇنىڭ ۋىدالىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلىمىغان.

كېيىنكى يىلى گو فۇچېڭ «مەن جىمجىتقىنە ئايرىلىشىم كېرەكمۇ؟» (该不该静静地走开)، «زادى كىم ماڭا ئېيتىپ بېرىدۇ» (到底谁能告诉我) ناملىق ئىككى پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىلىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 450 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ 1991-يىللىق جۇڭگو شياڭگاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئون چوڭ «ئەڭ ئىستىقباللىق چولپان» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. داڭدار چولپانغا ئايلانغان گو فۇچېڭ دەۋرنىڭ مودا ئېقىمىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ھەممە ياقتۇرىدىغان شەخس بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرى يېقىملىق بولۇپلا قالماستىن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىمۇ كىشىنى جەلپ قىلاتتى. 1994-يىلى گو فۇچېڭ خۇڭگۈندە 16 مەيدان كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ قالتىس ئۇسسۇل ماھارەتلىرىنى نامايان قىلغان، كېچىلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان پىلاستىنكىسى مايكول جېكسون سېتىۋالغان بىردىنبىر جۇڭگولۇق ناخشىچىنىڭ پىلاستىنكىسى بولۇپ، گو فۇچېڭمۇ ئەينى چاغدىكى ئاسىيا ئۇسسۇل شاھىغا ئايلانغان ھەمدە جاڭ شۆيوۋ، ليۇ دېخۇا، لى مىڭلار بىلەن بىرلىكتە «تۆت شاھ» دەپ نام ئالغان.

21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ناخشا بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى بىلەن، گو فۇچېڭنىڭ ئىشلىرى پەس كويغا چۈشۈپ قالدى، پىلاستىنكىلىرى نەچچە مىڭ پارچىلا سېتىلدى. بازارنىڭ پەس كويغا چۈشۈشى بىر چولپانغا نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە. ئەمما، گو فۇچېڭ ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە «شاھ»نىڭ ھېكايىسىنىڭ مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ بۇرۇلۇپلا كىنو ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ، كىشىلەر ئېتىراپ قىلغان ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسقا ئايلاندى.

ئەمەلىيەتتە، گو فۇچېڭنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرى كۈچى ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى، ھەر قانداق ئىشنى قىلسا بىر باشقا ئېلىپ چىقمىغۇچە بەل قويىۋەتمەيدىغان خاراكتېرى. باشقىلار گۇمانلانغاندا، ئۇ نەچچە يۈز ھەسسە تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ. بەلكىم مۇشۇ تەرىپى مەستانىلىرىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب بولسا كېرەك.

ھېچكىمنىڭ ھايات يولى ئىزچىل راۋان بولمايدۇ، «تۆت شاھ»نىڭ بىرى گو فۇچېڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. كەسپى خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، داڭدار كىشىدىن بىردىنلا مازاق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ گۇمان بىلەن قارالغان چاغلاردىمۇ، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرىغا ئۆرلەشنىڭ پەشتىقى قىلغان.

بۈگۈنكى گو فۇچېڭ ئاللىقاچان قىران چاغلىرىدىن ھالقىدى، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولدى. لېكىن بىزنىڭ قەلبىمىزدە گو فۇچېڭ يەنىلا ئەينى دەۋردىكى جۇشقۇنلىقىنى يوقاتقىنى يوق، ئۇ يەنىلا «شاھ» بولۇشقا مۇناسىپ.