ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك ئارتىس، داڭلىق ناخشىچى، كومپوزىتور، غەربىي يۇرت ناخشا - مۇزىكا ساھەسى ، مودا مۇزىكا سەنئىتىدىكى باشلامچى شەخس، ھاياتىنى خەلق ناخشىلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ئىجاد قىلىش، ئېيتىش، مۇزىكا ئىشلەش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىتەكرار ئىقتىدارلىق ئۇستاز، غەربىي يۇرت ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان سەنئەتكار مەخمۇد سۇلايمان 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ، مەرھۇمنىڭ قىزى ، يۈرەك پارىسى ئىنتىزار مەھمۇد بۈگۈن سىنا مىكرو بلوگىدا تورداشلارغا تۆۋەندىكىدەك خەت ئېلان قىلدى ، بىز ھەممەيلەننىڭ بۇ مەزمۇننى ياخشى ئوقۇپ بېقىشىنى ، مەرھۇمغا ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
راستىنى ئېيتسام، مەن تېخى ئەسلىمگە كېلىپ بولالمىدىم...
دادام مەھمۇت سۇلايمان 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، ئېنىقراقىنى دېگەندە 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە. بۇ ئىككى كۈن كاللام قۇرۇقلا، كىشىلەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ مېنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپمۇ مەندە ئىنكاس بولمىدى، مېنىڭ بەكلا يىغلۇغۇم بار، نېمىشقىكىن ھاڭۋىقىپ قالدىم، قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن، بۈگۈن ئەتتىگەن ئاپامنى كۆرۈپ تۇيۇقسىزلا چىدىيالمىدىم...
نېمىشقا بۇنداق ۋاقىتتا بۇ مەزمۇننى يېزىشىمغا كەلسەك، چۈشەندۈرگۈم يوق، چۈنكى تولۇق كۆرگەنلەر بىلەلەيدۇ.
21-چىسلا سەھەردە دادامنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ ئاغرىغانلىقى سەۋەبلىك 120گە تېلېفون قىلىپ 2-دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق، ct قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇق، ھەممە نورمال ئىدى. دوختۇر بىزدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ ئەھۋالنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراپ باقىدىغان-باقمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى، دوختۇرخانىدا ياتتۇق، ئادەتتىكى كېسەلخانىدا كارىۋات بولمىغاچقا ccu (مەخسۇس ئېغىر تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئۈچۈن تەييارلانغان كېسەلخانا)دا بىر كۈن تۇرۇپ كارىۋات ساقلاشنى قارار قىلدۇق. 21-چسلا ئەتتىگەندە ccuغا كىردۇق، دوختۇر مېنىڭ كىرسەم بولمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيگە قايتىپ تۇرۇشۇمنى، ئىش بولسا ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۆيگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېلېفون قىلىپ دادامنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، سايىلەپ تەكشۈرۈشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى، مەن تاغام ۋە ھاممامنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا باردىم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، دادام ماڭا ئۆزىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئىزچىل ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، دوختۇرمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى، بۇ ئاغرىقنىڭ يۈرەكنىڭ مەسىلىسىدىن بولماسلىقى مۇمكىنلىقىنى، يەنە تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما مەسىلىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى، كارىۋات بولسىلا ئادەتتىكى كېسەلخانىغا بارساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
22-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن دادام ماڭا تېلېفون قىلىپ ئادەتتىكى كېسەلخانىغا ئالمىشىدىغانلىقىنى، بېرىپ رەسمىيەت ئۆتىشىمنى ئېيتتى، مەن ئەتتىگەندە بېرىپ چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئاندىن ئۇنى ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىدىم، ئادەتتىكى كېسەلخانىدا ئۇزۇن تۇرۇشۇمغا بولمايتتى، شۇڭا 10 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە دادامغا كارىۋاتلارنى يىغىشتۇرۇپ بەردىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا ياردەملەشكەچ: «بۇيەردە نەچچە كۈن ئارام ئالاي، ئۆي سىزگە قالىدىغان بولدى، بالام»، دېدى... ماڭىدىغان ۋاقتىمدا بىر خىل قىيماسلىق تۇيغۇسىدا بولدۇم، ئۇنى قۇچاقلاپ قويدۇم، بۇنىڭ ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم...
كېچە سائەت 1:00لەردىن كېيىن ئەمدىلا يېتىپ تۇرۇشۇمغا دوختۇرخانىدىن تېلېفون كېلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى... ماشىنىنى قانداق ھەيدىگىنىم ئېسىمدە يوق، تاغام بىلەن ھاممام، نەۋرە ئاچامنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئۇچتۇق، لېكىن كېچىككەن ئىدۇق... كىرگەن ۋاقتىمدا ئۇ كۆزى يېرىم ئوچۇق ھالەتتە ياتقان ئىدى، تىنىقى قالمىغان، يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان، يېرىلىپ كەتكەن ئىدى... دوختۇر ماڭا جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى ئېيتىپ، يەنە داۋاملاشتۇرىدىغان-تۇرمايدىغانلىقىنى سورىدى، شۇ دەقىقىدە...
بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، دادامنىڭ ۋاپاتى مېنى ئىنتايىن قايغۇرتتى، لېكىن ئائىلەمدىكىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى تونىمايدىغان كىشىلەر ئۆيۈمدە پەيدا بولۇۋاتىدۇ، توختىماي ئۆينىڭ ئەھۋالىنى سوراۋاتىدۇ، يەنە تېخى فىلىملەرگە تارتىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇيەردە كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرماقچىمەن: مەن 22 ياش، ئاپامنىڭ كېسىلى ئېغىر، لېكىن سالونلاردا ئېيتىلغانغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ مېڭە تىقىلمىسى، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ۋە يۈرەك پەردە ياللۇغى بولغان، ئۆيدە دادامنىڭ ۋاپات بولغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ، سىڭلىم 10 ياشقا كىردى، باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
مېنىڭ راستىنلا بۇنداق ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلغۇدەك كەيپىياتىم يوق، لېكىن ھەركۈنى كىشىلەر ئۆيگە كېلىپ بىكاردىنلا فىلىم تارتىۋاتىدۇ، بىر ئېغىز قايغۇرغانلىق گېپىمۇ يوق ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سوراۋاتىدۇ، مەندە بۇ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلغۇدەك زېھىن قالمىدى... دادامنىڭ جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن، بەلكىم كۆپچىلىك چۈشەندۈرۈشكە موھتاجدۇ، لېكىن بۇ چۈشەندۈرۈشلەر بەكلا غەلىتە بولۇپ كەتتى... يەنە تېخى ئۇنى يۇقۇملىنىپ قازا قىلىپتۇ دېگەندەك گەپلەرمۇ بار... بۇيەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتەي، ئۇ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى سەۋەبلىك...
دادام ئىنتايىن ياخشى ئادەم، مۇنەۋۋەر سەنئەتكار بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى دادا، كىچىكىمدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيتتىم، ئۇ مېنى ئوغۇل بالىدەك بېقىپ چوڭ قىلىشنى، ئۆزۈمنىڭ تىرىشىشىمنى ياخشى كۆرەتتى، ھەرقانداق ئىشنى ماڭا تاپشۇرسا ئىنتايىن خاتىرجەم بولاتتى، لېكىن تاماق ئېتىشتەك كىچىك ئىشلاردا ئەنسىرەپ كېتەتتى، كىرىپ نەچچە قاراپ قوياتتى. ئاپامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا، بېلىم ئاغرىپ قالغان بولسا ماڭا ياردەملىشىپ تاماق ئېتىشىپ بېرەتتى، قاچا يۇيۇشۇپ بېرەتتى، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسام تەنقىدلىمەيتتى، ھەمىشە مېنى ئىلھاملاندۇراتتى، ئۇ ماڭا مېنىڭ مەڭگۈ غەيرەتلىك قىز بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ مېنى ھەرقانداق ئىشتا ئەنسىرىتىپ باقمىغان...
ئەمدى دادام يوق بولدى، قايغۇرۇۋاتىمەن... لېكىن ئاپامنىڭ كېسىلى ئېغىر، سىڭلىم تېخى كىچىك، بۇ ئائىلە ماڭا موھتاج، دادامنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشىنىڭ مېنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشىدىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئۇ چوقۇم ماڭا كۈچ ئاتا قىلىدۇ، شۇڭا بىزمۇ چوقۇم ياخشى ئۆتىمىز. مەن كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە، ئىلھاملاندۇرغىنىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، لېكىن ئۆيۈمگە كېلىپ فىلىمغا تارتىدىغان ئىشلارنىڭ ئەمدى يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر دوۋيىنلار دادامنىڭ كۆز يۇمۇشتىن بۇرۇنقى فىلىمى بىلەن تولدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ فىلىملەرنى كۆرگەنلەر ماڭا: «داداڭ ۋاپات بولسا سەن كۆرۈنمەيسەنغۇ؟ سەن نەگە كەتتىڭ؟ نەدە ئويناۋاتىسەن؟»، دېيىشتى، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتەي، مەن دوختۇرخانىدا رەسمىيەت بېجىرىۋاتىمەن ياكى تەۋەررۈكلەرنى يىغىشتۇرۇۋاتىمەن...
دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، كېيىن دادامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلايمەن، ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسەڭلار بېرىپ پاراڭلىشىپ كەلسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۆيۈمدىكىلەرنى پاراكەندە قىلماڭلار... كۆڭۈل بۆلسەڭلار بولىدۇ، ئەمما يانفوننى قويۇپ، كامېرانى ئۆچۈرۈۋېتىپ باغرىڭلارغا بېسىشىڭلارنى چوقۇم قوبۇل قىلىمەن...
ئەسلى نۇسخىسى: