«ئۆتكۈر شەمشەر»دىكى بىلىملەر
توۋتىياۋ تورى خەۋېرى،ئەلكۈيى تورى 24-نويابىر تەرجىمىسى :يېقىندا،« ئۆتكۈر شەمشەر 3-چاقماق ئۇرۇشى گېنېرالى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ خەنجىرىقېيىپ كەتتى، قويۇلۇش بىلەنلا تورنى بىر ئېپ ، كۆرۈرمەنلەرنى ھەيران قالدۇردى. يوپكىغايىپەك پايپاق، پۇتىغا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ تىكىلگەن بولۇپ، نەپىس گىرىم قىلىنغان،چاچلىرى مايلىق، پاكىز ھەربىي فورمىلار كىشىلەرنىڭ« ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مۇقەددەستىياتىر» غا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىماقتا. ۋەقەلىكنىڭ بىمەنىلىكى،قايىل قىلىش يولى، رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈشى ھەتتا« خەلق گېزىتى»نى چۆچۈتۈۋەتتى.
بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭھەيران قالدۇرىدىغىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەن 96 تىپلىق 150 مىللىمېتىرلىق گاۋبىتسازەمبىرىكى ئىدى. ئۇ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئېغىر زەمبىرىكى بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭ چوڭ دالازەمبىرىكى ئىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ئۇنى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭئەڭ زامانىۋىلاشقان، لايىھەلىنىشى سەرخىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللىرىنىڭ بىرى دەپ قارىغان.ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 96.150 مىللىمېتىرلىق دالا ئۇرۇشى شراپنېل ئاتىدىغانزەمبىرىكى بومباردىمانچى ئايروپىلاندىنمۇ ئاز ئۇچرايدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدەپەقەت 440 دانە زەمبىرەك ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، جۇڭگو جەڭ مەيدانىغا سالغان سانى100 گىمۇ يەتمەيتتى، 8- ئارمىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان جەڭ مەيدانلىرىدا ئۇنىڭ سىيماسىنىكۆرۈش تېخىمۇ تەس ئىدى. « چاقماق تېزلىكىدە جەڭ قىلغان سەركەردە» ئويلىمىغان يەردىنخالىغانچە« ۋەقەلىك سۇيىقەستى» نى پەيدا قىلىپ، بۇنداق« چوڭ گۆھەر» نى ئاسانلا 8-ئارمىيەگەسوۋغا قىلىپ، ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
« يېڭى شەمشەر» دىكى96 تىپلىق 150 مىللىمېتىرلىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى4.92 توننا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى بىرقەدەر يېنىك ۋە ئەپچىل زەمبىرەك ھېسابلىنىدۇ، زەمبىرەكنىڭئۇزۇنلۇقى 3523 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 1320 KG،ئىستوۋۇلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 23 ھەسسە كالىبىرغىچە، كالىبىرى 149.1 مىللىمېتىر بولۇپ، مېيجىنىڭ38-يىلىدىكىسىنىڭ 11 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، داجېڭ 4-يىلىدىكىسىنىڭ 14.6 ھەسسىسىگەتوغرا كېلىدۇ، ئېتىلىش مۇساپىسى يىراق، ئەڭ چوڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 11.9 كىلومېتىرغايېتىدۇ. زەمبىرەك تاقىقى ئارىلىق بۇرما شەكىللىك، زەمبىرەك جازىسى ئوچۇق پۇتلۇق بولىدۇ،ئوت سىمىنىڭ ئېگىزلىكى 1390mmبولىدۇ. ئۇنىڭھەرىكەتچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرىغا قاراش بۇلۇڭى 565 قا يېتىدۇ، ئوت كۈچىنىڭقاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى پارتلايدىغان گرانات، ئىس-تۈتەك بومبىسى،كۆيدۈرگۈچ بومبا ۋە بىرونە تېشەر ئوق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، جىددىي ئەھۋالدا ئۇنىڭدىنپايدىلىنىپ تانكا ئېتىشقا بولىدۇ.
لى يوۋبىن نەشر قىلغان«شەمشەر» دە، لى يۈنلۇڭ پىڭئەن ناھىيەسىنىڭ ئىتالىيە زەمبىرىكىگە ھۇجۇم قىلغان، ئۇ فىرانسىيەنىڭM1897تىپلىق 75 mmدالا ئۇرۇشى زەمبىرىكىنى ئىتالىيەگە سېتىپ بەرگەن،كېيىن يەنە جۇڭگوغا سېتىپ بەرگەن، بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگەندە ئۈچ قول مالغا ئايلانغان،دۆلەت ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ئۇنى« فىرانسىيە خانقىزى» دەپ ئاتىغان. ئۇ دۇنيا بويىچەئېلاستىك زەمبىرەك جازىسى ئورنىتىلغان تۇنجى دالا زەمبىرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلاستىكزەمبىرەك جازىسى زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئارقىغا تېپىش كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە خورىتىپ، زەمبىرەكنىڭھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭغا تىك تەكشىلىكتە ئايلىنىدىغان بۇرماشەكىللىك زەمبىرەك تاقىقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئېتىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 15-30 پاي بولىدۇ،ئۇ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىزچىل تۈردە« تېز ئېتىلىدىغان زەمبىرەك يېڭىلمەسنەزەرىيەسى» گە خۇراپىيلارچە ئىشەندۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى يىراق ئەمەس،ئوق يولى تۈز، زەمبىرەكنى بېسىش ئورنىنى ناھايىتى ئاسانلا تېخىمۇ چوڭ كالىبىرلىق ئوخشاشتۈردىكىلەر ئىگىلەيدۇ، ئوت كۈچىنى بېسىش جەھەتتە، « يېڭى شەمشەر» دىكى« 96 تىپلىق150 مىللىمېتىرلىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
96 تىپلىق 150 مىللىمېتىرلىقگاۋبىتسا زەمبىرىكى 1936-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلغان، بۇيىل ياپونىيەنىڭ شېنۋۇ يىلنامىسى 2596-يىلى بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭقورال-ياراقلىرىغا ئىسىم قويۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، 96 خىل شەكىل قورالنىڭ ئۆلچەملىكنامى قىلىنغان، كالىبىرى تەخمىنەن 150 مىللىمېتىر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. لۇگۇچياۋۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سەككىز دانە 96 تىپلىق 150 مىللىمېتىرلىق گاۋبىتسا زەمبىرىكىجۇڭگو جەڭ مەيدانىغا كىرىپ، كېيىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ھەرقايسى جەڭ مەيدانلىرىغاتارقالغان. ئىشلىتىش ئەھۋالى جەھەتتە، تەننەرخ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 1943-يىلى ئىشلەپچىقىرىشنىئاساسىي جەھەتتىن توختىتىشقا مەجبۇر بولغان، كۆپ ساندىكى 96 تىپلىق 150 مىللىمېتىرلىقدالا ئۇرۇشى شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر 1936-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە تاماملانغان.ئۇ بىر قىسقا تاختىسى يوق، ئىقتىدارى ئىنتايىن تەكشى بولغان ئالتە ديۇملۇق زەمبىرەك.ئۇ تېخىمۇ ئىلغار بولغان چاق ئوقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەشغۇلات قىلغاندىكىتەۋرىنىشنى ئاستىلاتتى، ئوق مۇساپىسى، ھەرىكەتچانلىقى، قارىغا ئېتىش تەييارلىقى، ئوتتۇرىچەئېتىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بولۇپمۇ« زەمبىرەكنىڭجېنى» دەپ ئاتالغان ئوققا تۇتۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئىككىنچىدۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ئارمىيەسى ئىزچىل تۈردە ئۇنى ئاسىيادىكى بىرىنچىدالا ئۇرۇشى زەمبىرىكى دەپ كۆككە كۆتۈرگەن.
ياپون باسقۇنچىلىرىغاقارشى ئۇرۇش دەۋرىدە، 8- ئارمىيەدە زەمبىرەك ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، ھەتتا ئەڭ ئاساسىيمىناميوتلارمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە،پۈتكۈل 8- ئارمىيەدە پەقەت بىرلا تاغ زەمبىرىكى ليەنى بار ئىدى، كېيىن يەنىلا سەنشى-سۈييۈەن ئارمىيەسىنىڭ قولىدىن سەككىز تاغ زەمبىرىكى تېپىۋېلىنىپ، ئاندىن بىر توپچىلارتۈەنى قۇرۇلدى. ئەينى چاغدىكى ياپون ئارمىيەسىنىڭ ھەربىر پىيادە ئەسكەرلەر چوڭ ئەترىتىدە92 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر زەمبىرىكىدىن ئىككىسى، ھەربىر پىيادە ئەسكەرلەر بىرلەشمەئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق توپچى ئەسكەردىن تۆتى 75 مىللىمېتىرلىق تاغ زەمبىرىكىبار ئىدى. زەمبىرەكنىڭ ئىقتىدارى ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ سانى ئەينى چاغدىكى ياپونىيەئارمىيەسىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ زور پەرقلىنەتتى. 1937-يىلى پىڭشىڭگۈەندىكىزور جەڭدە، 8-ئارمىيە تۇنجى قېتىم ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 92 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەرزەمبىرىكىنى ئولجا ئالغان. 1943-يىلىدىن كېيىن، 8-ئارمىيەنىڭ ئىشچىلىرى 92 تىپلىق پىيادەئەسكەرلەر زەمبىرىكىنىڭ زەمبىرەك ئوقىنى تەقلىد قىلىپ ياساپ، بىر گاچا ئوق ۋە ئۈچ زەمبىرەكئوقى قېپىغا تايىنىپ زەمبىرەك ئوقىنى تەقلىد قىلىپ ياساپ چىقتى، ئايلىق مەھسۇلاتىمۇ30 غا يەتتى. 1946-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئارمىيەنىڭ پۈتۈن ئارمىيەسىدە1428 گىرانات، 5050 گىرانات، 1559 مىناميوت، 124 پىيادە ئەسكەر زەمبىرىكى، 58 تاغ زەمبىرىكىبار ئىكەن. بۇ خىل قورال-جابدۇق ئىنتايىن تەڭسىز ئەھۋالدا، ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزئەڭ زور بەدەل تۆلەش بەدىلىگە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.