«پولات بۆرە»نىڭ رولىنى ئالغان خيۇج جەكمەن يېقىندا 52 ياشقا كىردى، تۇغۇلغان كۈنىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا قانائەتلەنگەن ھالدا تورت يېگەن كۆرۈنۈشىنى چىقاردى.
ساھىبجامالنىڭ قېرىغىنىنى، قەھرىماننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ھەمىشە ھەيران قالىدۇ، لېكىن بۇ ۋىدېيو ئاستىدىكى كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە بولغان.
كۆپچىلىك بەس- بەستە: «ھوزۇرلىنىپ يېسۇن، ھوزۇرلىنىپ يېسۇن»، «بۆرە تاغام خۇشال بولسىلا بولدى» دېيىشىپ كەتتى.
چۈنكى، ئۇنى ياخشى تونۇيدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تورت يېيىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى بىلىدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەر خيۇج جەكمەننى «پولات بۆرە» (金刚狼)دىن باشلاپ تونىغان، شۇڭا كىنو مەستانىلىرىمۇ ئۇنى يېقىملىق قىلىپ«بۆرە تاغا» دەپ ئاتاشقان.
ئۇ مارۋېل «漫威» دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ئوبرازىنىڭ رولىنى ئالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئارتىس.
2000 ـ يىلىدىكى «X جەڭچى» (X战警)دىن باشلاپ 2017 ـ يىلىدىكى «پولات بۆرە 3»گىچە، 17 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ ئۆمۈچۈك پالۋان، ئۈچ يېشىل گىگانت ئادەم ئالماشتى، مارۋېلنىڭ ئۇزۇن يىللىق رىقابەتچىسى بولغان DCدىكى شەپەرەڭ پالۋانمۇ ئۈچ نۆۋەت ئالماشتى. پەقەت «بۆرە تاغا»لا داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
ئۇنىڭ ئوبرازى كارتون رەسىملەردىكى پولات بۆرىدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى، ئەمما كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغاچقا، كارتون رەسىملەردىكى ئوبرازلار ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
1.90 مېتىر كېلىدىغان بوي ئېگىزلىكى، مۇكەممەل بەدەن شەكلى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇسكۇللىرى، يەنە ئاشۇ جەسۇر، «ياۋايى» چىرايى ئىنتايىن ماسلاشقان.
بەلكىم پولات بۆرە X جەڭچىلەر ئىچىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك قەھرىمان بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئېنىقكى ئەڭ كېلىشكەن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سىگارت چېكىۋاتقان كەپسىز تاغا، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان، كىم كۆرسە ھاياجانلانماي قالمايدۇ...
ئەگەر بىرەرسى «پولات بۆرىدىنمۇ ئاز ئۇچرايدىغىنى نېمە؟» دەپ سوراپ قالسا، ئېرىشكەن جاۋاب چوقۇم «خيۇج جەكمەننىڭ ئۆزى» بولىدۇ.
پولات بۆرىگە رول ئېلىشتىن ئىلگىرى، خيۇج جەكمەن سىدنېي پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كەم-كۈتىسىز ئەدەبىيات-سەنئەتچى ياشلاردىن ئىدى.
ئوپېرا ئارتىسى بولغاندىن كېيىن، ئوپېرا «كۈن پاتقان يول»دا داڭق چىقارغان ھەمدە «ئاۋسترالىيە بويىچە ئەڭ ياخشى ئوپېرا ئارتىسى» بولۇپ باھالانغان.
لېكىن، ھەممىگە ئايان، مارۋېل دېگەن داڭلىق چولپانلارنىڭ «بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى»...
خيۇج جەكمەن «دەسلەپكى ئەزا» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياخشى رول ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى چېنىقىش ئۆيىدە ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇ يىل بويى توخۇ گۆشى ۋە چېچەكسەي يەپ، بەدەن كۆرسەتكۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆلچەپ، ئەڭ ياخشى ھالىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى پولات بۆرىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناشقا كاپالەتلىك قىلدى.
ئەمما، ئەڭ قىيىن بولغىنى 17 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئەمەس،
خيۇج جەكمەن بۇ 17 يىلدا ئالتە قېتىم پولات بۆرىنىڭ رولىنى ئالغاندىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن كلاسسىك روللارنى ئالدى، ھەممىلا رول بۇ ساغلام مۇسكۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى.
«پاجىئەلىك دۇنيا» (悲惨世界)دا رول ئالغاندا، پېرسوناژنىڭ ئوبرازىغا ماس كېلىش ئۈچۈن، 30 كېلوگىرام ئورۇقلىغان ۋاقتىدا، باشقا رولغا چىقىش ئۈچۈن دەرھال ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك، مۇكەممەل سىزىقلارنى ھاسىل قىلغان بەدەنگە ئېرىشمىسە بولمايتتى، بۇنىڭدىن بېسىمنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك ھەرىكەت مىقدارى ۋە يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشنىڭ ھەممىسى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەردىن قىلىشمايتتى.
ئۇ خۇددى پۇرژىنىغا ئوخشاش بەدەن شەكلىنى كونترول قىلىدۇ، ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ قىلالىدى!
ئۇنىڭ جىگەرلىك ئەزىمەت ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، بىر مەزگىل «People» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ سۇمباتلىق ئەر» دەپ باھالانغان.
لېكىن بۆرە تاغىنىڭ سېھرىي كۈچى مۇسكۇل ۋە سۇمباتلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.
تورداشلار باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۆرە تاغا ھەممە ئىشنى ياخشى قىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنى گۆھەر».
ئۇ تىياتىرنى ياخشى ئويناپلا قالماي، رىياسەتچىلىك قىلىشتىمۇ قالتىس ئىدى.
ئۇ 81-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان، يەنە تېخى ئىلگىرى تونىي مۇكاپاتىغا تۆت قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ، كۆرۈلۈش نىسبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرغان.
ئۆز ئالدىغا يەنە پىئانىنو، گىتار، ئىسكىرىپكا چېلىشنى بىلىدۇ... ھە راست، ئوپېرا ئارتىسىدىن كېلىپ چىققان خيۇج جەكمەن خەنزۇچە ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىدۇ.
ئەمما، كۆپچىلىك بۇ ئېكراندىكى ئەركەك، تۇرمۇشتىكى تەڭدىشى يوق ئىللىق ئەرگە مەپتۇن بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا
بىر خەۋەر ھەممە كىشىنى ھەيراندا قالدۇردى ھەمدە ئەنسىرەتتى:
2013-يىلى، خيۇج جەكمەن «X جەڭچى: كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش» (X战警:逆转未来)نى سۈرەتكە ئالغاندا، بۇرنىغا غەلىتە قىزىل نەرسىلەر ئۆسۈپ چىققان.
ئايالىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە دوختۇرلار ئۇنىڭغا تېرە راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويغان.
كىنودىكى بۆرە تاغا ئالاھىدە ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتىكى خيۇج جەكمەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا تېرە راكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئازابىنى تارتىپ كېلىدۇ.
كېسەل ئالتە قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن، راك ھۈجەيرىلىرى بىر مەھەل مۈرە قىسمىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ... ئىلگىرى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان بوشاشماس باتۇر بولسىمۇ، لېكىن كېسەل ئازابى ئالدىدا يەنىلا ياداڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ.
ھەر قېتىم خيۇج جەكمەننى كۆرگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى.
ئەمما، ئۇ دائىم خۇشال ھالدا كۆپچىلىككە تەسەللى بېرىپ: «گەرچە قارىماققا ناھايىتى ئوسال كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، مەن قەسەم قىلاي! ھېلىمۇ ياخشى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي دوختۇرلار بولۇپ قالدى.»، دېدى.
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى، شۇنداقلا ئالتە قېتىم قورقۇنچلۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پائال قوللاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مىسالى ئارقىلىق كۆپچىلىككە مۇنداق ئەسكەرتكەن:
«چوقۇم ساغلاملىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش كېرەك، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ئاخىرقى مەزگىللىك داۋالاشتىن كۆپ ئەلا».