11-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى رادىيو-تېلىۋىزىيە تارقىتىش ئورگانلىرىنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، چاكىنا ئەسەرلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە چولپانلارنى قوغلىشىش، چولپانلارنى كۆككە كۆتۈرۈش قىلمىشى، ھەدىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىشقا قاراپ يۈزلىنىش، يۇقىرى ئىش ھەققى تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چولپان قوغلىشىش، چولپاننى كۆككە كۆتۈرۈۋېتىش، ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىشقا قاراپ يۈزلىنىش، ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى باھالىق ئىش ھەققى، پەقەتلا كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا ئېسىلىۋېلىش قاتارلىق ناچار يۈزلىنىشلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئارتىسلار ۋە مېھمانلارنىڭ مائاشىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئارتىسلار ۋە مېھمانلارنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىق پروگراممىلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلەندى.
بۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر»دە يەنە «ئاز چىقىم، زور ھېسسىيات ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيە»نىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەتلىك تۇرمۇش ئۇقۇمى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى تارقىتىدىغان مۇلازىمەت پروگراممىلىرىنى ئىشلەشكە ئىلھام بېرىشتىكى قوللاش ۋە يېتەكلەش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش ۋە ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان. سېنارىيەنى قوللاپ يېتەكلەش، نەشر ھوقۇقى سېتىۋېلىشتا ئىزدىنىش، ئەسەر تارقىتىش ھوقۇقىنى ئىئانە قىلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە رادىتو-تېلېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تارقىتىشنى قوللاش ئۈستىدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.