تاماشا چەمبىرىكىدىكى بويى پاكار ئون داڭلىق ئارتىس

ئەلكۈيى تورى
2020-10-23
来源:تېڭشۈن تورى


ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلارنىڭ بويى ئاساسەن 170 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، بەزى ئوغۇل بالىلار ھەتتا 180، 190 سانتىمېتىردىن ئېگىز بولۇپ، يولدا ماڭسا بەك ئېگىز كۆرۈنىدۇ. تاماشا چەمبىرىكىدە نۇرغۇن داڭلىق سەنئەتكار چولپانلار بار، گەرچە بويى ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، ئەمما نامى ناھايىتى چوڭ، بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى، بۇلار زادى كىملەردۇ؟

ۋاڭ زۇلەن

ۋاڭ زۇلەننىڭ بوي ئېگىزلىكى 163 سانتىمېتىر بولۇپ، ھەرخىل سەنئەت پىروگراممىلىرى ئىچىدىكى ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا سەل پاكارراق كۆرۈنىدۇ.

لى ليەنجيې

ئېگىز بويلۇق، كېلىشكەن ئەر چولپان كۆپ بولغان بۈگۈنكى كۈندە، روشەنكى، 169 سانتىمېتىرلىق لى ليەنجيې ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس، ئۇ ئاياللار بىلەن بىللە تۇرسىمۇ ئانچە ئېگىز ھېسابلانمايدۇ، لېكىن لى ليەنجيې چامباشچىلىق چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى قالتىس دېمەي تۇرالمايمىز!

سوڭ شياۋباۋ

ئەمەلىيەتتە بوي ئېگىزلىكى نوقۇل مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەيدۇ، بىراق پىروگرامما گۇرۇپپىسى چىقارغان سانلىق مەلۇماتتا، سوڭ شياۋباۋنىڭ بوي ئېگىزلىكى 162 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام، يېشى 39 ياش. گەرچە سوڭ شياۋباۋ ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، لېكىن سوڭ شياۋباۋنىڭ مىجەزى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ، ئۇ كۆپچىلىككە كۈلكە ئاتا قىلالايدۇ، بۇنداق بولغاندا بوي ئېگىزلىكىمۇ ئانچە مۇھىم كۆرۈنمەيدۇ.

پەن چاڭجياڭ

پەن چاڭجياڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر. كۆپچىلىككە ئايان، پەن چاڭجياڭ پېشقەدەم سەنئەت ئاكتىيورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ سەي مىڭ بىلەن بىللە ئېتوت ئورۇنلىغان، بوي ئېگىزلىكىنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ھەتتا پاكار بوي پەن چاڭجياڭ مۇئەللىمنىڭ بىر خىل بەلگىسى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ئىككى كىشىلىك ئېتوتتا تېخىمۇ روشەن نامايان بولىدۇ.

ۋاڭ باۋچياڭ

ۋاڭ باۋچياڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 165 سانتىمېتىر بولۇپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان پەقەت ئۇ ئاممىۋى ئارتىس بولۇپ كەلدى ھەمدە كىنو بېلەت كىرىمى شاھى بولدى. ئۇ شۈ جېڭ بىلەن بىللە رول ئالغان «تايلاندتىكى كۈلكىلىك ئىشلار» ئەينى يىلى ھەممە يەردە داڭق چىقارغان.

زېڭ جىۋېي

بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن زېڭ جىۋېينىڭ ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر بولۇپ، گەرچە تاماشا چەمبىرىكىدە دائىم زېڭ جىۋېينىڭ بوي ئېگىزلىكى مەسخىرە قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاز ئاشكارىلايدۇ. شياڭگاڭلىق زېڭ جىۋېي قىياپەت جەھەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پەن چاڭجياڭ مۇئەللىم بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۇنى شياڭگاڭچە كومېدىيەلىك فىلىملەردە داڭق چىقىرىشتا ئاساس سالغان.

ئوۋدى

ئوۋدى (ئەسلى ئىسمى ئوۋ خەنشېڭ)نىڭ مەستانىلىرى ئىلگىرى ئوۋدىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ 167 سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، بىراق بۇ بوي ئېگىزلىكى ھەقىقەتەن يالغان، ھەر بىر تورداشنىڭ ئۆز كۆز قارىشى بار، «كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش» ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا ئوۋدىنىڭ بويى دائىم كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى. ئوۋدى رىياسەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىروگراممىدا كۈلكىلىك مىنۇتلار ئۈزۈلۈپ باقمىدى، شۇڭا تاماشىبىنلار ئۇنىڭ قىزىقارلىق ۋە يۇمۇرىستىك قىياپىتىگە ئامراق بولۇپ قالغان.

چېڭلوڭ

چېڭلوڭ بۇ تىزىملىكتە خېلى ئېگىز ھېسابلىنىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بويى 173 سانتىمېتىر بولۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن سەل پاكار كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما بوي ئىگىزلىكى چىڭلوڭ ئۈچۈن ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس بولۇپ، يەنىلا ئۇنىڭ خەلقئارالىق چولپان بولۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

سۇ يوۋپېڭ

سۇ يوۋپېڭنىڭ 173 سانتىمېتىرلىق بويى 90-يىللاردا پاكار ھېسابلانمايتتى، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تاماشا چەمبىرىكىدە پاكار ھېسابلىنىدىغان بولدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر ئۇزۇنتۇرا چولپانلار ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇشقا باشلىدى ئەمەسمۇ!؟

گو جىڭمىڭ

گەرچە ئورگان تەرەپ گو جىڭمىڭنىڭ ھەقىقىي بوي ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما گو جىڭمىڭ نۇرغۇن چولپانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشكەندە بويى دائىملا پاكار كۆرۈنۈپ قالاتتى، شۇڭا گو جىڭمىڭنىڭ بويىنىڭ پاكارلىقى تورداشلار مەسخىرە قىلىدىغان ياخشى تېمىغا ئايلاندى.