« قاتىل قوغلاش» ناملىق فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلدى،« مەن ساقچى» ناملىق چاتما كىنو رەسمىي باشلاندى.
توۋتىياۋ تورى خەۋېرى،ئەلكۈيى تورى 23-ئۆكتەبىر تەرجىمىسى :يېقىندا،ھەقىقىي ئەسلىي نۇسخىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ج خ مىنىستىرلىقى ئاخبارات تەشۋىقاتئىدارىسى بىلەن جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان، ۋاڭ رۈي رېژىسسورلۇققىلغان، ئەي دۇڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان« قاتىل قوغلاش» ناملىق فىلىم بۈگۈن بېيجىڭداتۇنجى قېتىم قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئەيچىيى ئەپچىسگە تۇنجى قېتىم قويۇلدى.
ھەقىقىي ئەسلىي نۇسخىنىئۆزگەرتىپ تۈزۈشتە ھازىرقى زامان« ساقچى جاسارىتى» نامايان قىلىندى، باش ئىجادىيەتنەق مەيداندا يېشىپ چۈشەندۈرۈش فىلىمنىڭ سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇردى
تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا ھېكايىنىڭ ئەسلى تىپى، ج خ قەھرىمان نەمۇنىچىسىجۇ جېنلوڭنىڭ شەخسىي تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. كىنو ئىجادىيىتىنىڭ ئەسلىي تىپى بولۇشسۈپىتى بىلەن، جۇ جېنلۇڭ كۈندىلىك خىزمەتلەردە خۇددى فىلىمگە ئوخشاش ئاددىي سۈرەتلەپبەرگەن، ھازىرقى زامان ساقچىلىرىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە كەسكىنلىكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تولۇقنامايان قىلىنغان.
ج خ مىنىستىرلىقى ئاخباراتتەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىن شۇلۇڭ مۇنداق دېدى: فىلىم ساقچىلارنىڭ دېلو پاش قىلىشىنىڭچىنلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق فىلىملەر ساقچىلارتوپىغا ئىلھام بولۇپلا قالماي، خېيلۇڭجياڭ رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك.
جىشى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىپارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ جىگاڭ فىلىمگە قارىتا ئوخشاش تەسىراتقائىگە: » ›مىڭ چاقىرىملىق قاتىل قوغلاش< ناملىق فىلىمدە ساداقەتمەنلىك، تۆھپە قوشۇش،مەسئۇلىيەت، بۇرچ شەرھلەنگەن بولۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەقىقىي نامايانقىلىنغان، ئۇ ئاكتىپ كۈچكە ئىگە كىنو. » دېدى.
18 يىلدا ئۆتكەن ئىشلارنىئەسلەيدىغان ئىشلار قايتا نامايەن قىلىندى، فىلىم بۈگۈن ئەيچىيىغا قويۇلدى.
« قاتىل» ناملىق فىلىم« مەن ساقچى» ناملىق چاتمافىلىمدىكى تۇنجى ئەسەر. « مەن ساقچى» يۈرۈشلۈك كىنو تېمىسى ئالاھىدە ساقچى، جىنايىئىشلار ساقچىسى، زەھەر چەكلەش ساقچىسى، ئامانلىق ساقچىسى قاتارلىق كۆپ خىل ساقچى تۈرلىرىنىقاپلىغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭھەقىقىي ئىش ئىزلىرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كىنو- تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىئارقىلىق، ساقچى ساھەسىدىكى قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ، يېڭى دەۋردىكى ساقچى ھېكايىسىنىياخشى سۆزلەپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ« پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش» مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى نىنامايان قىلدى.
فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشقاباشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، فىلىمدە« سىرلىق دېلو»باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، جۇ جىلۇڭنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قوغلاپ تۇتۇش يولى بايان قىلىنىپلاقالماي، يەنە تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق، مۇھەببەت، ئۇرۇش دوستلۇقى بايان قىلىنىپ، پۇختالوگىكىلىق بايان، دولقۇنسىمان ۋەقەلىك، خەتەرلىك تەسىر پەيدا قىلغان ھېكايە ۋەقەلىكىئارقىلىق، كىشىنى ئويغان سالىدىغان ھېكايە جەريانى رەتلەپ چىقىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭكۆرۈش سېزىمى ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى قوش كۆرۈنۈش تەسىراتى قاندۇرۇلىدۇ. جىنايەت ئۆتكۈزۈش،گۇماننى تۈگىتىش نىقابى، « مىڭ چاقىرىملىق قاتىلنى ئىزدەش» ناملىق فىلىم ئىنسان تەبىئىتىنىڭتىركىشىشى ۋە كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدىغان ھېسسىيات ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن تولغان،فىلىمنىڭ غايەت زور ئۇچۇر مىقدارى ۋە تېز رىتىمى تاماشىبىنلارنىڭ« راھەت تۇيغۇسى» نىقانائەتلەندۈرەلەيدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جىنايى ئىشلار ۋەقەلىكى تۈرىدىكىكىنولارنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، ئەيچىيى دەسلەپتە بازار تونۇشىغاقارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى ھەمدە« قاتىللارنى قوغلاش» ناملىق كىنونى تورغا چىقىرىپ،رېئالىزمنى قېزىش ۋە چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق، تاماشىبىنلارنىڭ جەمئىيەت قارالمىلىرى،كىشىلىك تۇرمۇش ئىستىكى قاتارلىق ئۆلچەملەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى قوزغاپ، رېئالىزملىقمەقسەت ئاساسىدا ئىنسانىي كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تىياتىردا ئىپادىلەش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىئەپچىللىك بىلەن ھاسىل قىلدى.
بىر مەيدان مەسئۇلىيەتبىلەن قانۇننىڭ قوغلىشىشى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى، فىلىم بۈگۈن ئەيچى سەنئەت ساھەسىگەرەسمىي كىردى. كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر مەيدان قاتىلنى قوغلاش يولى رەسمىي يولغا چىقتى.