مەكتەپتىكى چاغلىرىدا قىزلارنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان سەككىز ئەر چولپان

ئەلكۈيى تورى
2020-10-21
来源:zhibo8

يىللار راستتىنلا بىر ئۆتكۈر پىچاق، ھېچكىم بۇ پىچاقتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ، مەيلى ياش ۋاقتىڭىزدا قانچىلىك گۈزەل ياكى كېلىشكەن بولۇڭ، قېرىغاندا ھەممىمىز ئوخشاش مۈكچىيىپ قالىمىز. ئەلۋەتتە چولپانلارمۇ ئوخشاش. بۇ بىر قانچە چولپان ياش ۋاقتىدا نۇرغۇن قىزلارنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان، ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!

شېن تېڭ

شېن تېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم تىرىشىشى ئاستىدا قولغا كەلگەن. شېن تېڭ ياش ۋاقتىدا ھەقىقەتەن كېلىشكەن ئىدى، ياش ۋاقتىدا ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى سالاپەتلىكتەك كۆرىنەتتى. ھازىرقى شېن تېڭ بىلەن ئىلگىرىكى شېن تېڭ ئىككىسى ئىككى ئادەمدەك كۆرىنىدۇ. بەلكىم ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە سەمىرىپ كەتكەننىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ھازىر شېن تېڭ بۇرۇنقىدىن خېلىلا سېمىز، يۈزدىكى قورۇقلارمۇ كۆپەيدى. لېكىن شېن تېڭنىڭ ياش ۋاقتىدىكى قىياپىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

شۈ جېڭ

شۈ جېڭ كۆپچىلىككە ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، ئۇ ھازىر داڭلىق ئارتىس ۋە قوشۇمچە رېژىسسور، شۈ جېڭ مەستانىلەرگە تونۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تاقىرباش قىياپىتىنى ساقلاپ كەلدى، بىراق كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۈ جېڭنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۋەتكەن پاينەكباش دەپ قارايدۇ. بىراق، بىز شۈ جېڭنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا چاچ چۈشۈش قىيىنچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز، شۈ جىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا چېچى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن، لېكىن، شۈ جېڭنىڭ ياش ۋاقتىدىكى كېلىشكەن قىياپىتىنى سىز ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلالمايسىز، سىز ئۇنى كېلىشكەن ئەمەس دېيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟

شايى تونۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل قىزىقارلىق، يۇمۇرىستىك رول ئېلىشنى ئۆزىگە ئۇسلۇب قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭدا ئازراقمۇ چولپانغا خاس بولغان خاراكتېر يوق بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن چىقىشقاق كۆرىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇنجى تەسىرى چوقۇم چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان «ۋۇلىننىڭ رىۋايىتى» بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدا بەي جەنتاڭنىڭ ئوبرازىنى شايى ئالغان دېسە بەلكىم نۇرغۇن كۆپچىلىك ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق شايى ياش ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ، نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا ئېرىشمەكچى بولغان.

گەرچە ھازىر جاڭ ۋېيجيەن تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىسى ھېسابلىنىدۇ، سىز ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدا قانچىلىك كېلىشكەن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ سۈرەتنى كۆرسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭ چىرايىغا كۆيۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

گۇ تيەنلېنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئىنتايىن ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى گۇ تيەنلېنى «قارا تەنلىك» دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش، گۇ تيەنلېنىڭ ئالغان رولىنىڭ ھەممىسى چامباشچىلىق فىلىملىرى، شۇڭا چىرايى ئاستا-ئاستا قارداپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىدىكى گۇ تيەنلې ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ، ھازىرقى كىچىك ئارتىسلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەر گو فۇچېڭنىڭ ناخشىسىغا مەپتۇن بولغان، ئەمما سىز ئۇنىڭ شۇ يىللاردىكى ئەڭ كېلىشكەن يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز، گو فۇچېڭ بىلەن لىمىڭ، ليۇ دېخۇا، جاڭ شۆيوۋ ئەينى چاغدىكى «تۆت چوڭ شاھ» بولۇپ باھالانغان، گو فۇچېڭ ياش ۋاقتىدا نەچچە ئون مىڭ قىزنى مەپتۇن قىلغان ۋە نەچچە مىڭ قىزنىڭ چۈشىدىكى ئاشىقىغا ئايلانغان.

خۇاڭ لېي كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەرىجىسىدىكى ئارتىس، خۇاڭ لېي ياش ۋاقتىدا بېيجىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، شيې نا خۇاڭ لېينىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان. شيې نا ھەتتا ھازىرمۇ خۇاڭ لېينى كۆرسە ناھايىتى قورقۇپ كېتىدۇ، خۇاڭ لېي تونۇلغاندىن كېيىن بۇرۇنقى كېلىشكەن قىياپىتى قالمىغان، ياش ۋاقتىدا خۇاڭ لېي ئىنتايىن كېلىشكەن ئىدى.

جوۋ شىڭچى ھازىر قېرىپ قالدى، لېكىن يەنىلا توي قىلمىدى. بەزى تورداشلار جوۋ شىڭچى جۇ يىننى ساقلىماقچى دەيدۇ، لېكىن جۇ يىن توي قىلدى. شۇڭا جوۋ شىڭچى توي قىلىشتىن ئانچە ئۈمىد كۈتمەيدۇ. جوۋ شىڭچى ئېنىقلا چىرايىغا تايىنىپ نام چىقارسا تامامەن بولاتتى، ئەمما ئۇ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ نام چىقاردى، جوۋ شىڭچىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتىمۇ كۆپ، ياش ۋاقتىدىكى جوۋ شىڭچى بەك كېلىشكەن بولۇپ نۇرغۇن قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سالغان.