2014-يىلى كونور ماكگرېگور بىلەن تۇنجى قېتىم تۇتۇشۇپ ھەمدە KO قىلىنغاندىن كېيىن، جاستېن پورىيېرنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان.
شۇ قېتىملىق ئېلىشىشتىن كېيىن، پورىيېر يېنىك دەرىجىلىكلەرگە ئۆرلىگەندىن كېيىن، 10 قېتىم يېڭىپ، ئىككى قېتىم ئۇتتۇرۇپ، بىر قېتىم مەغلۇب بولۇشتەك قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ 13 مەيدان مۇسابىقىدە، ئۇ ئەيدى ئالۋارېز، ئانتونى پېتتىس، ماكس خولوۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نەپەر سابىق UFC چېمپىيونىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ۋاقتىنچە يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۆتكەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە، پورىيېر بەش مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جاستېن گېيچ بىلەن دون خوكېرنى مەغلۇپ قىلغان.
ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ماكگرېگور پەقەت ئىككى مەيدان MMA مۇسابىقىسى ئوينىغان، نەتىجىدە بىر قېتىم يېڭىپ بىر قېتىم ئۇتتۇرغان. ئۇ بۇلتۇر 1-ئايدا «پادىچى» دونالد سېرونى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەڭگەن، لېكىن 2018-يىلى ھەبىب بىلەن بولغان چېمپىيونلۇق جېڭىدە يېڭىلىپ قالدى.
نۇرغۇن كىشىلەر : پورىيېر پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە بەلگىلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن ماكگرېگورنىڭ باش تېرىنېرى جون كاۋانا بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇ: «پورىيېنىڭ ئوتتەك قىزغىن مۇسابىقە ھالىتىنى ساقلىشى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.
ئۇ زىيارەتتە: «پورىيېرنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئۇ ھازىر مۇسابىقىدە رەقىبىنى قۇچاقلاشنى كۆپرەك سىناپ بېقىۋاتىدۇ، بۇنى ئىلگىرى كۆرگىلى بولمايتتى» دېدى.
ئالتە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قېتىملىق ئېلىشىشتا، ماكگرېگورنىڭ ئىلگىرىكى پىسخىكا ھۇجۇمى ناھايىتى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. ئىككىسى سەككىز بۇرجەكلىك قەپەسكە كىرگەندىن كېيىن، كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىغان پورىيېر ھۇجۇمدا چېنىپ قېلىپ كونور تەرىپىدىن بىر مىنۇت 46 سېكۇنتتا KO قىلىنغان. مۇسابىقىدىن كېيىن پورىيېرمۇ ماكگرېگورنىڭ پىسخىكا ھۇجۇمى بىلەن ئۆزىنىڭ مەيداندىكى كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ قېتىمقى ئىككىنچى قېتىملىق ئېلىشىشتىن بۇرۇن، ماكگرېگور پىسخىكا ھۇجۇمى ئېلىپ بارماي بەلكى پورىيېرنى ھۆرمەتلىگەن، ھەتتا پورىيېرنىڭ فوندى جەمئىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلغان. بىراق كاۋانانىڭ قارىشىچە، ماكگرېگور بۇ قېتىم «ئېغىز ئۇرۇشى» قىلمىغانلىقى پورىيېرنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىرىنچى قېتىملىق ئېلىشىشنىڭ جەريانى ۋە كەچۈرمىشلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورىيېرنىڭ پىسخىكىسىغا زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.
«ھازىر ھەر ئىككىسى تېخىمۇ پىشقان ماھىرلار، ئۇلار 30 ياشتىن ئاشتى، ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئائىلىسىنى قۇردى، گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن پورىيېرنىڭ مۇسابىقە قېتىم سانى ماكگرېگوردىن كۆپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ماكگرېگور مەشىقنى ئەزەلدىن توختاتمىغان، ئۇ يەنە بىر مەيدان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بوكس مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ بوكس ئۇسۇلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، باشقا جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. شۇڭا بۇ قېتىم ئىككەيلەننىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بولدى» دېدى.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟