نېمىشقا خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدۇ؟

ئەلكۈيى
2021-03-18
来源:تېڭشۈن

640-24.gif640-59.png


15- مارت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «3.15» كېچىلىكى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. 2020-يىلدىن ھازىرغىچە، تېسلا ئاپتوموبىلىدا ئاز بولمىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئويلىمىغان يەردىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «3.15 كېچىلىكى»دىكى ئورنىدىن قۇرۇق قالدى.

توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2020-يىلى تېسلا ئاپتوموبىللىرى گەرچە كۆپ مىقداردا سېتىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار «دۆڭگەپ قويۇش»قا كەلگەندە خېلى ئېپى بار. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020- يىلى تېسلانىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Model3 ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 130 مىڭ دانە بولغان بولۇپ، 2019- يىلى ساتقان بارلىق تېسلا تىپىدىكى ئاپتوموبىل مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگېشىپ، تېسلا مەھسۇلاتىنىڭ كونتروللىقى ناچار بولۇش ۋە ھادىسە كۆپ يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئەمەلىيەتتە، ئوت كېتىش ياكى كونتروللۇقنى يوقۇتۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان «ئۇستا دۆڭگەمچى» تېسلا شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى يېڭى تېما ئەمەس.

تېسلادا ئىنتايىن ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، دۆلەت ئىچىدە تېسلا ئاپتوموبىلى كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى جەمئىي 10 قېتىمدىن ئاشقان، 2021-يىلى 1-ئايدىلا ئاشكارىلانغان ھادىسە تۆت قېتىم، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇيۇقسىز تېزلىنىپ كېتىش، تورمۇز تۇتماسلىق ياكى رول ئىشلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. تېسلا ئادەتتە بۇنى شوپۇرنىڭ قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلغانلىقى دەپ قاراپ، ئاپتوموبىلدا سۈپەت مەسىلىسى بارلىقىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغان. خېنەن، جېجياڭ، گۇاڭدوڭ، تيەنجىن، بېيجىڭ ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىش مىساللىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، يېنىك بولغاندا ئاپتوموبىل زەخىملەنگەن، ئېغىر بولغاندا شوپۇر ئېغىر يارىلانغان ياكى ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، تېسلانىڭ مەھسۇلاتنى كونترول قىلىش سىستېمىسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ مەسىلە مەۋجۇت. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل بازىرى تەتقىقات شىركىتى «Power J.D» ئېلان قىلغان 2020-يىللىق يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سۈپەت تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېسلانىڭ رەت تەرتىپى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، دەسلەپكى سۈپەت نومۇرى 100PP250 بولغان (ھەر 100 دانە ئاپتوموبىلدا 250 خىل مەسىلە بار دېگەن مەنىدە-ت). ھازىر تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

2020-يىلىنىڭ بېشىدا، بىر چەت ئەللىك تېسلا ئاپتوموبىل ئىگىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەمدىلا سېتىۋالغان تېسلا Model3نىڭ نۇرغۇن سۈرەتلىرىنى يوللاپ، يېڭى ئاپتوموبىلدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسەتتى. سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىلدا سىر كەمتۈكلۈكى، ئاپتوموبىل سىرتقى يۈز تاختىسى سىممېتىرىك بولماسلىق ۋە كەينى چىراغ ئارىلىقى چوڭ بولۇپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى Model 3نىڭ يامغۇرلۇق كۈنلەردە بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن، سۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى A تۈۋرۈكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كاناي ياپراقچىسىنىڭ داتلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

ھازىر توردىن Model 3كە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئەرز قىلىش ۋە باھالاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىلغا سۇ ئۆتۈپ كېتىش ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى تېسلا Model 3نىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇپ قالغان.



تۈگىدى.png


监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟