جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى

ئەلكۈيى
2021-03-12
来源:توۋتياۋ

640-24.gif640-59.png



فوربېسنىڭ سانلىق مەلۇماتلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما خۇاتېڭ «نوڭفۇ شەنچۈەن»نىڭ قۇرغۇچىسى جوڭ شەنشەن (钟睒睒)نىڭ ئورنىغا چىقىپ، جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان. نۆۋەتتە ما خۇاتېڭنىڭ بايلىقى 63 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 14-ئورۇندا تۇرغان.

جوڭ شەنشەننىڭ كاتتا باي بولۇش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، 2020-يىلى ئۇ نوڭفۇ شەنچۈەن، ۋەنتەي بىئو شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى شىركەتنى كاپىتال بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن، ئارقىدىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا جوڭ شىشەن پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى شىركەتكە تايىنىپ بىراقلا ئاسىيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، جوڭ شەنشەن 92 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى بايلار قاتارىدا 5-ئورۇنغا تىزىلغان. بىراق 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق ئورنىدا پەقەت 57 كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، جوڭ شەنشەن بۇ ئورۇننى ھىندىستان ئېنېرگىيە ماگناتىغا تارتقۇزۇپ قويغان. ئۇ چاغدا ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي مۇكېش ئامبانى 82 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن «نوڭفۇ شەنچۈەن»نىڭ قۇرغۇچىسى جوڭشەنشەندىن ئېشىپ، ئاسىيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان. ئويلىمىغان يەردىن ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، جوڭ شەنشەن جۇڭگودىكى بىرىنچى بايلىق ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى. فوربىسنىڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماقالە ئەۋەتىلگەنگە قەدەر جوڭ شەنشەننىڭ پەقەت 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقى قالغان.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟