قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تاراتقۇلار بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان ئالما يانفونىنى iPhone 13 دەپ ئاتىماقچى بولدى، لېكىن ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، بىز iPhone 13نى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىلدىكى يېڭى iPhone بولسا iPhone 12s دەپ ئاتىلىدۇ، كېلەر يىلدىكى iPhone بولسا iPhone 14 دېيىلىدۇ.
بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئالما مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ئاشكارىلىدى: بۇ يىلقى iPhoneنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، iPhone 12Sنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى زور. 2015-يىلى iPhone 6S يانفونى iPhone 6نىڭ ئىز باسارى بولغان، 2018-يىلىدىكى iPhone XS بولسا iPhone Xنىڭ ئىزباسارى بولغان. بۇ كۆزقاراشنىڭ مۇۋاپىقلىقى شۇكى، iPhone 12 سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارىتا بىر قېتىملىق زور تەڭشەش ئېلىپ باردى، ئالما بۇ يىل سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلمايدۇ.
تاراتقۇلار يەنە مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: 13 چەتئەللىكلەرنىڭ تىل مۇھىتىدا خەيرلىك سان ئەمەس، بەزى ئېگىز بىنالار بۇ ساننى قەستەن ئىشلەتمەيدۇ، ئەر ئاياللار بۇ كۈندە توي قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى يىلى ئالما iPhone 8دىن كېيىنلا توققۇزدىن سەكرەپ ئۆتۈپ iPhone X دەپ نام قويۇشنى تاللىغان. گەرچە بەزى ئابونتلار A13 بىر تەرەپ قىلغۇچ، iOS 13 قاتارلىقلار 13 دىن ئۆتۈپ كەتمىدىغۇ دەپ سورىشى مۇمكىن، لېكىن خەۋەردە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: iPhone بولسا ئىستىمال بۇيۇمى، يۇمشاق دېتال ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ماركىنىڭ قىممىتىنى ئۈسىتىگە ئالغان بولىدۇ.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟