خىيۈندانىڭ يىڭى نۇسقا ئاپتوموبىلى

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:تىڭشۈن

640-24.gif640-59.png


يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى 2022-يىللىق ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى خىيۇنداي Kona ئاپتوموبىلىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى ئەۋلاد تىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ يېڭى Kona لايىھەدە ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلغان. ماشىنا بېشىدىكى دىققەتنى تارتىدىغان قوغداش تاختىسىغا بىر كۆرگەن ئادەم ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

ئىچكى بېزەكتە كونا تىپىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى ۋە 10.25 ديۇملۇق ئوتتۇرا كونترول چەكمە ئېكران سەپلەنگەن، ئوتتۇرا كونترول ئاستى تەرىپىدىكى نەرسە ساقلاش رايونى قايتىدىن لايىھەلەنگەن، سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

سەپلىمە جەھەتتە Kona Electric چوڭ ئېكرانىدا كۆپلىگەن كۆكچىش ئۇلانمىسى ۋە ئاۋازلىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار، ھەيدىگۈچى ئاۋازلىق پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ھاۋارايى، رادىيو، ئارقا دېرىزە ۋە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى قىزدۇرۇش ھەمدە رولنى قىزدۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئاكتىپلىيالايدۇ ھەمدە كونترول قىلالايدۇ. Blue Linkقا ئۇلانغاندا، ھەيدىگۈچى ھەتتا پاي چېكى، ھاۋارايى ياكى ئىزدەشنى ئىجرا قىلىشنى ئاۋازلىق تەكشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، Kona Electric يەنە سانلىق مەلۇمات ئاچقۇچى تەمىنلەيدۇ، ھەيدىگۈچى يانفون App ئارقىلىق ماشىنا سىستېمىسىنى يىراق ئارىلىقتىن كونترول قىلالايدۇ، مەسىلەن ماشىنىنى قۇلۇپلاش ۋە ئېچىش، جىددىي سىگنالنى قوزغىتىش ھەمدە ماتورنى قوزغىتىش قاتارلىقلار. بىرلا ۋاقىتتا، ماشىنا ئىگىسى يەنە ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلارغا سانلىق مەلۇمات ئاچقۇچىنى بىخەتەر ھەمبەھرلىيەلەيدۇ.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى نۇسخىدىكى خيۇنداي Kona ئاپتوموبىلىدا ئىككى خىل بېنزىن ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى مۇجەسسىمىنى تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدا 2.0 لېتىرلىق تۆت سىلىندىرلىق ئاتكىنسون ماتورى بىلەن يېڭى تىپتىكى Smartstream ئەقلىي تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ (IVT)نىڭ ماسلاشتۇرۇلىشىدىكى ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 147 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 179 نيۇتون مېتىر؛ limited نۇسخىسىدا 1.6Lلىق تۆت سىلىندىرلىق بىۋاسىتە پۈركۈيدىغان تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور بىلەن يەتتە خوتلۇق EcoShift قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ قوللىنىلغان، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 195 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 264.4 نيۇتون مېتىر.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟