يۇۋىنتىسنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشى

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:بەيدۇ

640-24.gif640-59.png


بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە پورتوغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، كېيىنكى باسقۇچلۇق شاللاش مۇسابىقىسىگە قەدەم قويۇشنىڭ ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە «جىمىپ» كېتىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىمۇ كوماندا ئوخشاشلا تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلىيالمىدى. كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن بۇيان يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغاندەك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە قەيسىرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەستىن، ئەكسىچە ئىلگىرىكى ئۇدا توققۇز مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك «ھۆكۈمرانلىق» ئورنىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى. ئۇنداقتا يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدكى «ھۆكۈمرانلىق» ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟

بىرلەشمىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالماسلىقنى كرىستىيانو رونالدودىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، يۇۋېنتۇسنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يېتەرسىز تەرەپلىرى ئەسلىدىنلا بار بولۇپ، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى باشقا كۇلۇبلارنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى يۇۋېنتۇستىن تېخىمۇ كۆپ ئىدى. «قوشماق مىلان» كۇلۇبنىڭ مالىيە كىرىزىسى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىل باش كۆتۈرۈپ چىقالماي يېڭى باشقۇرۇش قاتلىمى كۇلۇبنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن كۇلۇبنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى. ناپولى، رىم، لازىئو قاتارلىقلار ئەسلىدىنلا زەردار كۇلۇپ سانالسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇ مەزگىلدىكى ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلىمىدى. گەرچە يۇۋېنتۇسنىڭ شۇ مەزگىللەردىكى ئەھۋالى «تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ» دېگەنگە ماس كەلمىسىمۇ، لېكىن يۇۋېنتۇسنىڭ ئۇدا توققۇز نۆۋەت ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە بىرلەشمىدىكى رەقىبلىرىنىڭمۇ ئازغىنە «ئىلتىپات»ى بار دېسەكمۇ بولىدۇ.

كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن، «تاغىل ئات قوشۇنى»نىڭ ئەمەلىي كۈچى بۇرۇنقىدىن ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. گەرچە يۇۋېنتۇس ئالدىنقى مۇسابىقىدە ئۇدا توققۇز نۆۋەت ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قالتىس تارىخىي نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئاران 89 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن، بۇ ئۇدا چېمپىيون بولغان توققۇز مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئىچىدىكى ئېرىشكەن ئەڭ تۆۋەن نومۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇۋېنتۇسنىڭ بىرلەشمىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشنىڭ كرىستىيانو رونالدو بىلەن ئۇنچە چوڭ باغلىنىشلىقى يوق.

كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە، يەنى 2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس 90 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن، ئىككىنچى ئورۇندىكى ناپولى 79 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن، ئېنىقكى ئۇلار شۇ مۇسابىقە پەسلىدىمۇ ھېلىھەم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ «ھۆكۈمرانلىق» ئورنىدا ئولتۇرغان. بىراق 2017/2018 مۇسابىقە پەسلىدە، يەنى كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشتىن بۇرۇنقى مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس 95 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن، ناپولى بولسا 91 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن، ئەگەر شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ناپولى تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا بەلكىم يۇۋېنتۇسنىڭ بىرلەشمىدە ئۇدا چېمپىيون بولۇشتەك ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويالىشى مۇمكىن ئىدى.

شۇڭلاشقا كرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشى، ئەكسىچە بىرلەشمىدىكى «ھۆكۈمرانلىق» ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشقا ئازلا قالغان يۇۋېنتۇسنىڭ بىرلەشمىدىكى ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كېتىشىدە باشقا ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرى: كۇلۇبنىڭ ترېنېر تاللاشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى، يەنە بىرى بولسا بىرلەشمىدىكى رەقىبلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس يەنىلا بىرلەشمە رەت تەرتىپتە سەركىلىك ئورنىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كوماندىغا ئاللېگرى ترېنېرلىق قىلىۋاتاتتى. كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن، قانداق قىلىپ دىبالا بىلەن كرىستىيانو رونالدونى تەڭلا مەيدانغا چىقىرىش ئاللېگرى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دىبالامۇ بىر مەزگىل زاپاس ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بىراق كرىستىيانو رونالدو بىلەن دىبالانىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئىككەيلەن بارا-بارا بىرلىكتە مۇسابىقە ئوينىيالايدىغان ھالەت شەكىللەندى، بولۇپمۇ ناپولىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنلا يۇۋېنتۇس بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ بولغانىدى.

2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس ئىتالىيەلىك ترېنېر ساررىنى ترېنېرلىققا تەكلىپ قىلدى، ساررى مۇسابىقىدە دىبالانى ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىغا قويۇپ كرىستىيانو رونالدونى «قوغداش»تەك تاكتىكا ئۇسلۇبىدىكى قوش كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى تۈزۈپ چىقتى، قوش كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بار بولغان يېڭى سەپ شەكلىنىڭ مۇسابىقە ئويناش تاكتىكىسى كرىستىيانو رونالدوغا ئالدى مەيداندا يېتەرلىك ھۇجۇم تەشكىللەش بوشلۇقى يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە كرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمدارلىقىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بىراق دىبالانىڭ تالانتى جارى قىلدۇرۇشى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە خەلقئارا مىلان لۇكاكۇنى كوماندىغا قوشۇۋالدى، لازىئودىكى ئىمموبىلىمۇ بىراقلا «چاقناپ» كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، AC مىلان مۇسابىقىلەر قايتا قوزغىتىلغاندىن كېيىن ئۇدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ تاكتىكا ئىجرا قىلىش كۈچى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئاتلانتامۇ بىر تەرەپتىن قەد كۆتۈرۈپ چىقتى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۇۋېنتۇسنىڭ بىرلەشمىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى.

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇسنىڭ ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى بارغانسىرى ئاشكارىلاندى، AC مىلان ئۇزۇن مەزگىللىك «جىمىپ كېتىش»تىن كېيىن بىراقلا قەد كۆتۈرۈپ چىقتى، خەلقئارا مىلانمۇ يېڭى ترېنېر كونتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر پەسىللىك تاكتىكا ماسلىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدە تۇراقلىق ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. ئەكسىچە يۇۋېنتۇس ھېچقانداق ئەمەلىي ترېنېرلىق تەجرىبىسى بولمىغان پىرلوغا كوماندىنىڭ ترېنېرلىق قامچىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى، پىرلو يۇۋېنتۇسنىڭ ترېنېر بولغاندا ھەتتا ترېنېرلىق كېنىشكىسىنىمۇ ئالمىغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىگە ياردەمچى ترېنېرى يېتەكچىلىك قىلدى، گەرچە كوماندىدا كرىستىيانو رونالدو بار بولسىمۇ لېكىن پىرلونىڭ كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشىدا تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەجرىبىسىزلىكى «قوشماق مىلان»غا يېتەرلىك پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

بىراق، بىر قانچە تۈردىكى سانلىق مەلۇتلار ئارقىلىق كرىستىيانو رونالدونىڭ يەنىلا تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 16 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىنىڭ %39نى ئىگىلىگەن، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بولسا 31 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىنىڭ %40نى ئىگىلىگەن.

قاپقىغا قارىتىپ توپ تېپىش سانى جەھەتتە، 2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە كرىستىيانو رونالدو 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمئىي 177 قېتىم قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 5.7 قېتىم قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپكەن، 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدە بۇ سان 6.3 قېتىمغا چۈشۈپ قالغان، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 4.6 قېتىم قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپكەن.

يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كرىستىيانو رونالدونىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدا زور چېكىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىيالايمىز، ئەكسسچە كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسىدە تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان، مەسىلەن: 3:0 نەتىجىدە فىئورېنتىناغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقە، ھەمدە خەلقئارا مىلان ۋە ناپولى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىدىكى پۈتۈن كوماندىنىڭ پاسسىپ روھىي ھالەتتە مۇسابىقە ئوينىشى، پىرلونىڭ مۇسابىقىدە دەل ۋاقتىدا كەسكىن قارار چىقىرىپ تاكتىكىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش تەجرىبىسىنىڭ يوقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى پەقەت كرىستىيانو رونالدونىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇسابىقە ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشى ئارقىلىقلا يېپىپ كەتكىلى بولمايدۇ.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟