سېھرىگەرلەر 120:124 قەھرىمانلار

ئەلكۈيى
2021-02-20
来源:جىبوبا

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، سېھرىگەرلەر ساھىبخان مەيداندا قەھرىمانلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. سېھرىگەرلەر كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندا نىكىس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن شەرقىي رايوندا 11-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، قەھرىمانلار كوماندىسى بولسا ئالدىنقى مەيداندا ئوت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ غەربىي رايوندا 7-ئورۇنغا تىزىلغان.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، شۇنداقلا ھەر ئىككى كوماندا ناھايىتى تېزلا مۇسابىقە رېتىمىغا ماسلىشىپ كەتتى ۋە يۇقىرى ھۇجۇم كۈچىنى نامايەن قىلدى، سېھرىگەرلەر كوماندىسى ئاستا-ئاستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، قەھرىمانلار كوماندىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ سېھرىگەرلەر كوماندىسى 51:64 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ قەھرىمانلار كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، ئەكسىچە سېھرىگەرلەر كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى، قەھرىمانلار كوماندىسى يەككە چارەك مۇسابىقىدە 43 نومۇر ئېلىشتەك نەتىجىسى بىلەن بىراقلا تەتۈر ئاشتى، ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا نۆۋەتلىشىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، گەرچە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا كۇررى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن سېھرىگەرلەر كوماندىسى يەنىلا ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قېلىپ ئاخىرىدا 120:124 نەتىجىدە قەھرىمانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەھرىمانلار كوماندىسىدىن كۇررى 29 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئۇبرې 26 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ گرېن ئالتە نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋېججىنس 16 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئاندېرسون يەتتە نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دارمىئان لى 10 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

سېھرىگەرلەر كوماندىسىدىن فورنېر 28 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋۇچۋېچ 30 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئېننىس يەتتە نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مەككاۋې سەككىز نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تېررېنس روس 24 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟