چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1-مارت ئوقۇش باشلايدۇ؛ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىدىن، 3-مارتتىن 15-مارتقىچە ئوقۇش باشلايدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا تەڭشىسە بولىدۇ.
2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1-مارت ئوقۇش باشلايدۇ، 14-ئىيۇل مەۋسۇم ئاياغلىشىدۇ، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ۋاقىتنى تەڭشەيدۇ.
نۆۋەتتە، بېيجىڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ئېلان قىلدى، مەسىلەن، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى، بېيجىڭ قاتناش داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى. بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش ۋاقتىنى ئۈچ ھەپتە كېچىكتۈردى، بىراق ئوقۇغۇچىلار 22-فېۋرالدىن باشلاپ توردا دەرس ئاڭلايدۇ، 16-مارت مەكتەپكە قايتىدۇ.
بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 8-مارتقا، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 21-فېۋرالغا، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 1-مارتقا تەڭشەلدى. جۇڭگو گېئولوگىيە داشۆسى (بېيجىڭ) 15-مارتتىن كېيىن ۋاقىتقا، تۈركۈمگە بۆلۈپ مەكتەپكە قايتىشنى تەلەپ قىلدى، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟