كرىستىيانو رونالدوغا قىزىقىشىڭىزدىكى 10 سەۋەب

爱酷艺
2025-12-26
来源:zhibo8

بۈگۈنكى پۇتبول مۇنبىرىدە كرىستىيانو رونالدو قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پۇتبول دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

تۆۋەندە بىز شۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ كرىستىيانو رونالدونى ياخشى كۆرۈشىدىكى 10 تۈرلۈك سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھايات كەچۈرمىشى

كرىستىيانو رونالدو ئىنتايىن چەت، نامرات مادېرا ئارىلىدىن چىقىپ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئايلاندى. ئۇ پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئۆزىگە بولغان قاتتىق تەلەپلىرىگە تايىنىپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ئون نەچچە يىل ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، كرىستىيانو رونالدونىڭ كىشىلىك ھاياتى رىۋايەتكە تولغان بولۇپ، ھەرقانداق ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

2. كىشىنى قايىل قىلىدىغان تېخنىكىسى

كىشىلەر ئادەتتە مېسسىنىڭ ئادەم ئالداپ ئۆتۈشىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى كىشىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ دېيىشىدۇ، لېكىن كرىستىيانو رونالدونىڭ پۇتبول تېخنىكىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇ ئوڭ ۋە سول پۇتى بىلەن توپ تېپىپلا قالماي، كاللا توپ ئىقتىدارىدا ھەرقانداق توپچىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئېگىز سەكرەپ كاللا توپ ئۈسسىشى بىلەن، يىراقتىن توپ كىرگۈزىشى سىزنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.

3. پۇتبولغا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى مۇھەببەت

كرىستىيانو رونالدونىڭ پۇتبول تالانتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن پۇتبول ساھەسىدە تۇغما تالانتقا ئىگە توپچىلار كۆپ. لېكىن كرىستىيانو رونالدودەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلار بەك ئاز. رونالدو پۇتبولنى قىزغىن سۆيگەچكە، ھەركۈنى سەبداشلىرىدىن ئاۋۋال مەشىق مەيدانىغا بارىدۇ، يەنە سەبداشلىرىدىن بىر سائەت كېيىن مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلىدۇ، بەدەن ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن چېنىقىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

4. ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىرادە

توپ كىرگۈزۈشكە بولغان تەشنالىقى، غەلبىگە بولغان ئىشتىياقى، كرىستىيانو رونالدونى تېخىمۇ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەتتى. توپ مەيدانىدا سىز ئۇنىڭ توپ ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تىپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ دائىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىدىن ئۆزىدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرەلەيسىز. توپ مەستانىلىرى دائىم «كوماندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغاندا مېسسىنى كۆر، كوماندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا رونالدونى كۆر» دېيىشىدۇ. ئۆزىنىڭ كوماندىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان پەيتتە، كرىستىيانو رونالدو ھامان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە قەتئىي ۋاز كەچمەي، كوماندىغا يېتەكچىلىك قىلىپ توپ ئوينايدۇ. مادرىد ئاتلېتكا، بۆرە قەلئەسى، شىۋىتسارىيە دۆلەت كوماندىسى، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى قاتارلىقلار دەل بۇنىڭ دەلىلى.

5. تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلگەن شان-شەرەپلىرى

ئۈزلۈكسىز توپ كىرگۈزۈش، ياۋروپا چېمپونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنجى مەرگىنى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولۇش، بەش قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت كومانسىدىنى ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون قىلىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى رونالدونى تارىخ سەھىپىسىگە قالدۇردى.

6. ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىش خاراكتېرى

كرىستىيانو رونالدو ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئېسىلىۋالمايدۇ، ھەقىقىي ئۆزى بولىدۇ، كامېرا ئالدىدا تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى نىقابلاشنى خالىمايدۇ. كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئارىلاشقان قىز دوستلىرى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قوغلاپ خەۋەر قىلىشىغا ۋە مەستانىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، لېكىن كېيىن پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە خاراكتېرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ئاخىرى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گىگانت چولپانغا ئايلاندى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خاراكتېرى يەنىلا شۇ پېتى ئىدى، ياخشى كۆرىدىغاننى ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى كۆرمەيدىغىنىدىن بىزار بولىدۇ، ئۆزىنى ياساپ «گىرىم» قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ ھاقارىتىنى ئۆزىگە كۈچ ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.

7. ئۆزىگە قىزىققۇچىلارغا كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ

گەرچە رونالدو دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە مەستانە بولغانلارغا ئىزچىل كەمتەر بولۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مەستانىلەر بولسا، كرىستىيانو رونالدو توپ مەيدانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىمكانقەدەر مەستانىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ.

8. ئاممىۋى پاراۋانلىققا قىزغىن بولۇش

كرىستىيانو رونالدو مەيداندا ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرسا، مەيدان سىرتىدا داۋاملىق ئاجىزلارغا، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدۇ. خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان مەستانىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ، بۇلارنى كۈندىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كرىستىيانو رونالدو ئەزەلدىن بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرمىگەن بولۇپ، بۇ پەقەت ساغلام قان تەقدىم قىلىش ئۈچۈندۇر.

9. كېلىشكەن چىرايى

كرىستىيانو رونالدو تىپىك كېلىشكەنلەرنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بەدەن ساپاسى بىلەن كېلىشكەن چىرايى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرگە ئېرىشكەن. رونالدو ئۆزىمۇ چىرايىغا ناھايىتى ئىشىنىدۇ، ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى بەك كېلىشكەن دېگەن (بۇمۇ بىر ئارتۇقچىلىق شۇڭا مەستانىلەر توپنى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن، كۆپ ھاللاردا كېلىشكەن چولپانلارغا بەكىرەك قىزىقىدۇ).


10. يۇقارقىلاردىن سىرت سىزنىڭ كرىستىيانو رونالدونى ياخشى كۆرۈشىڭىزگە نۇرغۇن سەۋەبلەر تېپىلىدۇ. قېنى ئۆز كۆڭلىڭىزدىكىنى ئىنكاس رايونىغا بايان قىلىپ بېقىڭ.